Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى - نىجات ۋەلى ياقۇپ
يوللانغان ۋاقتى:2017-10-20 06:08 مەنبەسى:
يانفوندا كۆرۇش


ئىسىم-فامىلىسى: نىجات ۋەلى ياقۇپ

خىزمەت ئورنى:  مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى.

نۆۋەتتىكى ۋەزىپىسى: «جاھان ئەينىكى» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ۋە مۇھەررىرى، «جۇڭگوغا نەزەر»، «ھەربىي ئىشلارغا نەزەر» پىروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى.

نىجات ۋەلى ياقۇپ 1987-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۈرۈمچىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 2009- يىلى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات كەسپىدە تولۇق كۇرسنى پۈتتۈرگەن.

 

ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن باشلاپ ئاخبارات كەسپىگە ئىشتىياق باغلىغاچقا ئوقۇشتىن سىرت چاغلاردا شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسى، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى، شىنجاڭ مائارىپ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدا تەكلىپلىك رىياسەتچى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە كۆپ قېتىم بالىلار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكلىرىدە شۇنداقلا ياش-ئۆسمۈرلەر پروگراممىلىرىدا رىياسەتچىلىك قىلغان.

 


2007-يىلى مەملىكەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىلى بولۇپ باھالىنىپ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دوستلۇق ئورنىتىش، ئۆگىنىش پائالىيىتىگە قاتناشقان.

2009-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئۆسمۈرلەر قانىلىدا رىياسەتچى بولغان. مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىدا خىزمەت قىلىۋاتقان 6 يىلدىن بۇيان ئۇ مۇھەررىر ۋە رىياسەتچى بولغان پروگراممىلار كۆپ قېتىم مەملىكەت بويىچە نادىر رادىيو پروگراممىلىرىنى باھالاشتا 1-، 2-، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

 


مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسىنىڭ كوزىر پروگراممىسى بولغان «جاھان ئەينىكى» 2013- يىلى مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 10 مۇنەۋۋەر پىروگرامما شەرىپىگە نائىل بولدى.

 

2013- يىلى نىجات ۋەلى ياقۇپ كەسىپداشلىرى ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم، زۇمرەت ياسىن، مەھلىيا ئىبىراھىملار بىلەن بىرگە 3- نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئاسىيا، ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى نەق مەيداندىن بىۋاسىتە ئاڭلىتىپ، مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى ئۇيغۇرچە چاستوتىسى تارىخىدىكى تۇنجى بىۋاسىتە ئاڭلىتىشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى ھەم مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانسىسى تەرىپىدىن «ئالاھىدە دەرىجىلىك» مۇكاپاتقا ئېرىشتى.



2014- يىلى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مۇخبىرى بولۇپ، ئىككى يىغىن جەريانىدىكى ۋەزىپىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئۇنىڭ بۇ جەرياندا ھەرقايسى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن ئېلىپ بارغان زىيارىتى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.

 


    يۈرەك سۆزى: ھازىر زامانىمىز ئاخباراتچىلىقى كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىپ، ھەرقايسى تاراتقۇلاردا كىشىنى تاڭ قالدۇرغىدەك يېڭىلىقلار توختىماي بارلىققا كەلمەكتە. شۇڭا تىلى ئارقىلىق دىللارنى دىللارغا تۇتاشتۇرغۇچى، يارقىن سىيماسى بىلەن قەلبلەرگە ئىللىق تۇيغۇ بېغىشلىغۇچى سۆيۈملۈك دىكتور-رىياسەتچى كەسىپداشلىرىمنىڭ، ئىچكى ساپا، ئەدەپ- ئەخلاق، خاسلىقنى ئەڭ ئالىي ئۆلچەم قىلغان ئاساستا، خۇددى ئامېرىكىنىڭ دۇنياغا داڭلىق رىياسەتچىسى ئوپىرا دەك ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي خۇسۇسىيىتى بولغان تەبىئىيلىكنى تېخىمۇ ياخشى ئىپادىلەشنى ھەم ئۆزىدىكى شۇ تەبىئىيلىك، ئارامبەخىش تۇيغۇ بىلەن ئەل قەلبىنى رام قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.


 

چۈنكى بىزدە «خېرىدارىڭ بولمىسا زىبالىقىڭ نە كېرەك» دېگەن بىر ھېكمەتلىك سۆز بار. رادىيو-تېلېۋىزىيەدىن ئىبارەت بۇ ئالتۇن سەھنىدە بىزگە توختىماي ئالقىش ياغدۇرۇپ، ئىلھام مەدەت بېرىپ تۇرىدىغان سەمىمىي قوللىغۇچىلىرىمىز بولمىسا، ئۇنداقتا بىز ئاقار يۇلتۇزدەك بىر چاقناپ غايىب بولىمىز خالاس.




نىجات ۋەلى ياقۇپ ھازىر كەسپىي بىلىمىنى تېخىمۇ موللاشتۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاخبارات كەسپىدە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتىدۇ. ئۇ يەنە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ تەكلىپلىك رىياسەتچىسى  بولۇپ «ئېچىل داستىخنىم» « بىرىنجى قارارلىق يىپەك يولى ساداسى» قاتارلىق پروگراممىلارغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، تاماشىبىنلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى، ئەمما بۇ يىل نىجاتنىڭ ئېكرانلاردىن يوقاپ كېتىشى نۇرغۇن تاماشىبىنلاردا ھەيرانلىق قوزغىدى، شۇڭا بىز بۇ سوئاللارغا جاۋاپ بىرىش ئۈچۈن «نىجات نەگە كەتتى»ناملىق ماقالىنىمۇ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇق...


 

«نىجات نەگە كەتتى»


— ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﮪﯧﭻ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﯘ? — ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﻗﯩﺰﯨﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ, ﺑﯘ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺪﯨﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﯩﺪﻯ. — ﺑﯘ ﺯﺍﺩﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﺶ؟ — ﻧﯩﺠﺎﺩ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ? — ... ... ﺗﻮﻧﯘﺵ-ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﻪﺭ، ﻳﯩﺮﺍﻕ-ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰ-ﺩﯦﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﻪﮪﯟﺍﻝ. ﭼﯜﻧﻜﻰ، ﺋﯘ ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺟﺎﯞﺍﺏ،ﻳﯘﻣﯘﺭﯨﺴﺘﯩﻚ،ﺋﻮﭼﯘﻕ-ﻳﻮﺭﯗﻕ، ﺧﯘﺷﭽﺎﻗﭽﺎﻕ، ﺳﯚﺯﻣﻪﻥ... ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﺋﺎﻻﮪﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺐ ﻗﯧﺘﯩﮕﻪ ﺋﻮﺭﻧﺎﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ, ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﭽﻪ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ،ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﻼ ﺳﯧﯖﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ. ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ، ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭘﻘﺎ ﻛﯚﻧﮕﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺟﺎﯞﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻢ ﯞﻩ ﺑﯘﺭﭼﯘﻡ،ﺩﻩﭖ ﺋﻮﻳﻠﯩﺪﯨﻢ. ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﯞﻩ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﮪﻪﺭﺑﯩﺮ ﺳﺎﻥ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻐﺎ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﯞﻩ ﺑﯘﺭﭺ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ،ﺭﺍﺩﯨﻴﻮ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺧﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﺩﻭﺭﺍﭖ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﮪﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﻗﺎﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺍﻟﻤﯩﺪﻯ ﮪﻪﻡ ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﻯ. ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺭﺍﺩﯨﻴﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﻪﻣﺪﯗ؟ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯘ ، ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﯞﻩ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﻛﻪﺳﭙﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯚﯞﻩﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ،ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ، ﺋﯚﺯﻯ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺩﻩﻝ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﯩﻤﯩﺰ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ، ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﭘﺎﺕ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ يىغىننىڭ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﻖ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﮪﯩﻢ ﯞﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﻳﯘﻗﺎﺭﻗﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛﯞﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺭﺍﺩﯨﻴﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻼ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ، ﻳﺎﺳﺘﯘﻗﻨﻰ ﻗﯩﺮﻻﭖ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﻭﺭ ﻛﯚﺭﺳﯩﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺩﻭﺳﺖ-ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺋﺎﭼﺴﯩﻤﯘ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﺎﺕ-ﭘﺎﺕ ﺋﯘﮪ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﯞﺍﻳﺴﺎﭖ ﻗﻮﻳﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﭙﺎﺕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ، ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ 10-15 ﻛﯜﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﺎﻱ ﻳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﺳﯚﻳﯜﺵ ﺭﻭﮪﻰ،ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﯞﻩ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺟﺎﭘﺎﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ، ﮪﺎﻻﯞﻩﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﯩﻠﺪﻯ.ﯞﯨﺠﺪﺍﻧﻰ ﺳﺎﺧﺘﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻥ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛﺷﻜﻪ، ﻣﺎﺋﺎﺷﻘﯩﻼ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺑﮕﺎﮪ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﻗﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ. ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺭﺍﺩﯨﻴﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﭼﺎﺳﺘﻮﺗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﮪﯧﻠﯩﮭﻪﻡ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘﺗﯘﭖ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ «ئېچىل داستىخىنىم»«ئىستىمال يىتەكچىسى» ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﻛﯚﭖ ﺗﻪﺭﯨﭙﻠﻪﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ « شادلىق ئاچقۇچى» پروگراممىسىدا ﭘﻪﯞﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩﻩ ﺯﻭﺭ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ، ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﯞﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺐ ﻗﯧﺘﯩﻐﺎ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﺭﻧﺎﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯧﻜﺮﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ، ﺋﯘ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﺭﺍﺩﯨﻴﻮﺳﻰ ﯞﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪﺳﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﺵ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ، ﺳﻪﺭﺧﯩﻞ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﻧﯘﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﻧﺎﺧﺸﯩﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﺋﺎﻛﺘﯩﻴﻮﺭﻣﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺧﯘﺷﺌﺎﯞﺍﺯ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﻰ. ﺋﯘ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯚﻣﯜﺭﻟﯜﻙ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﯘ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﻣﯩﺴﯘﻥ، ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﺪﻯ. . ... ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﯘ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﻠﯩﻜﻰ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮪﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﯩﺠﺎﺗﭽﯘ؟ﻧﻪﮔﯩﻼ ﺑﺎﺭﻣﯩﺴﯘﻥ، ﮪﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻻﻳﯩﻘﯩﺪﺍ ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ، ﺋﯩﺰﺯﻩﺕ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ. ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺩﻩﭖ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻼﺭﺩﻩﻙ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﻨﻰ ﻳﯚﮔﻪﭖ ،ﺗﻮﻣﯘﺯ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﺘﺎ ﺋﯜﺳﺘﻰ-ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﻪﭖ ﭼﺎﭘﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺭﻩﺳﯩﻤﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﯞﺍﻟﺴﺎﻕ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺋﻮﻻﺷﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺳﯩﻠﻜﯩﭙﻤﯘ ﻳﯜﺭﻣﯩﺪﻯ. ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﻪﮔﯩﻼ ﺑﺎﺭﻣﯩﺴﯘﻥ، ﺗﯚﯞﻩﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﮪﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﺪﻯ، ﺋﯩﺸﺘﺎﻧﻐﺎ ﭘﺎﺗﻤﺎﻱ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻗﺘﻰ-ﺳﻮﻗﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﻳﯩﺪﺍ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺎﻡ-ﺗﯘﺗﺎﻡ ﭘﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﺗﯧﮕﻪﺷﻜﻪﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻧﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ، ﻛﯚﭖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭖ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍﭖ ﻳﯜﺭﻣﯩﺪﻯ. ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺗﯜﺯﯛﻛﺮﻩﻙ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﭘﯩﺴﺨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺗﯚﺕ-ﺑﻪﺵ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻜﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﭖ، ﻧﻪﻣﯘ-ﻧﻪ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﻻﺭ ﺳﺎﻣﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﯩﺪﻩﻙ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﻩ، ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭘﻤﯘ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﺳﻪ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﺋﯩﺘﺘﯩﻚ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﺮﺍﭖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺪﻯ. ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﮪﺎﻟﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮪﯚﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ، ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺭﺍﺩﯨﻴﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪﺳﻰ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ. ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ، ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪﺭ، ﺳﺎﺧﺎﯞﻩﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ... ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭘﻨﯩﯔ ﺧﯧﺮﯨﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ. ﺋﯘ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﮪﻪﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ. ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﺋﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﮪﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﮪﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ-ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻳﺎﻥ-ﺑﯘﻳﺎﻥ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﻳﯜﺭﺩﻯ. ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺋﯘ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﻪ ﭘﯘﻝ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻤﯩﺪﯗ؟ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﻰ ﯞﻩ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﻚ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﮪﻪﻗﻘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﺷﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ،ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺎﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﯩﺪﺍ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯜﺭﻩﻙ ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﺳﻪﺭﭖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻣﺎﻧﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﺰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﺒﯩﻨﻼﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻻﻧﺖ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭘﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﭼﯧﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻻ. ﺋﻪﺟﯩﺒﺎ ﺋﯘ ﮪﺎﺭﻣﺎﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﮪﺎﺯﯨﺮ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺭﺍﺩﯨﻴﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯞﺍﺗﯩﺪﯗ. ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﻳﺎﺷﻼﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺩﯦﻤﻪﻙ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮪﺎﻳﺎﺕ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﯩﮕﻪ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﻣﻪﻧﺎﻻﺭ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯚﻳﯜﻧﯩﻤﯩﺰ،ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﻤﯩﺰ. ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﺳﻪﮪﻨﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﯞﺍﻗﺘﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﻯ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭘﻨﻰ ﻛﯚﺭﻩﻟﻤﻪﺳﻤﯩﺰﻣﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺧﻪﻟﻖ ﺭﺍﺩﯨﻴﻮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻠﯩﺮﻯ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﺴﻰ، ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ، ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺯﻭﻕ-ﺷﻮﺧﻠﯘﻗﻰ، ﺳﯚﺯﮔﻪ ﻣﺎﮪﯩﺮﻟﯩﻘﻰ ﻳﯧﻘﯩﺸﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﺩﺍ ﺯﺍﮪﯩﺮ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ. ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﯘﺳﻰ ﭘﯩﺮﻭﮔﺮﺍﻣﻤﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰﻻ ﺧﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﮪﻪﻡ ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﻰ! ﻧﯩﺠﺎﺕ ﯞﻩﻟﻰ ﻳﺎﻗﯘﭖ ﮪﯧﭽﻴﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﺗﻤﯩﺪﻯ ﮪﻪﻡ ﻛﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯗ ..

 

2016-ﻳﯩﻠﻰ 20-ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ



نىجاتنىڭ بىر قىسىم تۇرمۇش ۋە سەھنە سۈرەتلىرى




مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • بېللا خادىد ئۆزىنىڭ قايتا ئوغۇل دوست تاپقۇسى يوقلىقىنى بىلدۈردى

  • «مەن ناخشىچى» پروگراممىسىنىڭ چېمپىيونى بېكىتىلىپ بولدى

  • تورداشلار angelababy بىلەن خۇاڭ شياۋمىڭنىڭ بالىسىغا ئىسىم تاللاپ بەردى

  • «قىشتىكى مۇھەببەت ناخشىسى»دىكى تۆت پېرسوناژنىڭ ئىلگىرىكى ۋە ھازىرقى ھالىتى

  • ئاكشاي كۇمار يېڭى فىلىمى توغرىسىدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى

  • سالمان خان «Tubelight» ناملىق فىلىمىدە يېڭى «مۇنى» نى تېپىۋالغانلىقتىن ناھايىتى خۇشال!

چولپانلار 明星 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ياش تالانتلىق رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر

  • ئۆزبېكىستانلىق سەنئەتكار- مەنزۇرە بىلەن تونۇشۇڭ

  • ھىندىستاندىكى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ گۈزەل ئايال چولپانلار

  • ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى - زىيادە قابىلوۋا

  • چەتئەل تور بېتى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 16 ئۇسسۇلچى

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • چەتئەل ژۇرنىلىغا چىققان فەن بىڭبىڭنى كىشىلەر  ..
      • جۇڭگو تاماشا ساھەسىدە شىنجاڭلىق ئەر چولپانلار ..
      • كورېيە ئۈچ ساھە سەنئەتكارلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يى ..
      • تاماشا چەمبىرىكىدىكى مەڭگۈ ئاجراشمايدىغان ئا ..
      • پرىيانكا چوپرا ئىككى فىلىمدە ئالەم ئۇچقۇچىسىن ..
      • جەكۋىلىن فېرناندىزنىڭ Vogue ژۇرنىلىغا بېسىلغان  ..
      • شۇنداق بىر دوستلۇق بار: ئەگەر سىز ياتلىق بولال ..
      • zee كىنو بايرىمىدىكى شاھرۇھ خان بىلەن پىرىيانكا ..
      • ۋوللىۋود چولپانلىرى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا ئاتا ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ