Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى - شاھزادە
يوللانغان ۋاقتى:2017-10-20 06:00 مەنبەسى:
يانفوندا كۆرۇش

ئىسىمى: شاھزادە 
ئۆزبېكچە يېزىلىشى: shahzoda 

رۇسچە يېزىلىشى: шахзода

ئەسلى ئىسىم فامىلىسى: زىلالە باھادىروۋا مۇسايېۋا 

ئۆزبېكچە ئەسلى ئىسىم فامىلىسىنىڭ يېزىلىشى :

Zilola Bahodirovna Musayeva

دۆلەت تەۋەلىكى: ئۆزبېكىستان جۇمھۇريىتى

مىللىتى: ئۆزبېك

يېشى: 37 ياش

تۇغۇلغان ۋاقتى: 1979- يىلى 28- ئىيۇل

تۇغۇلغان يۇرتى: ئۆزبېكىستان جۇمھۇريىتى فەرغانا ۋىلايىتى

كەسپى: ناخشىچى 

تەۋە گۇرۇپىسى: «جانىم» 

كەسپى خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان ۋاقتى : 1999- يىلى

تىل: ئۆزبېك، روس، قازاق، پارس، ئېنگىلىز 

پائالىيەت دائىرىسى: ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قازاقىستان ۋە جۇڭگو شىنجاڭ 

شاھزادىنىڭ ھەقىقىي ئىسىم فامىلىسى: زىلالە باھادېروۋا مۇسايېۋا بولۇپ، ئۇ ئۆزبېكىستاندا تەسىر كۈچى زور بولغان زامانىۋىي (پوپ) ئۇسلۇبىدىكى ناخشىچىدۇر. 
شاھزادە 1978-يىلى 28-ئىيۇل كۈنى فەرغانە ۋىلايىتىدە تۇغۇلغان.

ئانىسى : مىھرىتە مۇسايېۋا- فىلىلوگ (روس تىلى ۋە روس تىلى ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچىسى)، ئاتىسى: باھادىر مۇسايېۋ- پەلسەپە پەنلىرى دوكتۇرى، ئاكىسى: ئەركىن مۇسايېۋ- كارخانىچى، يولدىشى: ر. يولداشېۋ، ئىككى ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئايرىم ئايرىم ھالدا: خالىد ۋە سالىھ. 

1980- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە ئاتىسىنىڭ خىزمەت ئېھتىياجى تۈپەيلى روسىيەنىڭ موسكۋا شەھىرىدە تۇرغان. 1987- يىلى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىگە قايتىپ كەلگەن.  

1999- يىلى ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك سەنئەت ئۇنىۋېرسىتىتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 

ئوقۇشقا كىرىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇ ئۆزىدىكى مۇزىكا تالانتىنى بايقاپ، ئوقۇشتىن چېكىنىپ چىققان ۋە شۇ يىلى ئاكتىيور ۋاگىف زاكىروف بىلەن بىرلىكتە «جانىم» گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىققان.

گۇرۇپپا قۇرۇلۇپ بىر ئىككى ئايدىن كېيىن ئۆزىنىڭ تۇنجى ئالبومى «ئۆتۈپ كېتىدۇ» نى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان ۋە شۇندىن باشلاپ نام قازىنىشقا باشلىغان. 

2000- يىلى «جانىم» گۇرۇپپىسى تارقىلىپ كەتكەن. 2001- يىلى «Tarona Records» ئانسامبىلى زىلالىگە ئۆز ئىش پائالىيەتلىرىنى «شاھزادە» دېگەن نام بىلەن يۈرگۈزۈش پىلانىنى بەرگەن شۇنداقلا زىلالىنى «Tarona Records» ئانسامبىلغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلغان. شۇ يىلىدىن باشلاپ زىلالە «Tarona Records» ئانسامبىلىدا شاھزادە دېگەن نام بىلەن كەسپىي ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. 

2003- يىلى ئىككىنچى ئالبومى «بەخىتلىك بول» نى بازارغا سالغان. 
2004- يىلى ئۈچىنچى ئالبومى «كېرەگىم سەن» نى تارقىتىپ، بىر ھەپتە ئىچىدە 25 مىڭ دانە سېتىلغان. 

2005- يىلى «بەختلىكمەن» نامىدىكى ئالبۇمنى بازارغا سېلىپ، بىر ھەپتە ئىچىدە 50 مىڭ دانىدىن ئارتۇق سېتىلىپ، يېڭى رېكورت ياراتقان.  

2007- يىلى « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم » نامىدىكى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان ۋە شۇ يىلى ئۆزبېكىستان مۇھەببەتلىك ھېكايە فىلىمى «رومىيا ۋە جۇلىتتا» فىلىمىدە ئايال باش پېرسوناژنىڭ رولىنى ئېلىپ چىقىپ، كەسپىي ھاياتىغا يېڭى بىر مەزمۇن قوشقان. 

2009- يىلى يەنە ئىككى پارچە يېڭى ئالبۇم ئېلان قىلغان. 2011- يىلى «قارا كۆزلەرىڭ» نامىدىكى توققۇزىنچى يۈرۈش پىلاستىنكا ئېلان قىلغان. 

2013- يىلى «بۇ مۇھاببەت» ، 2014- يىلى «ماڭا سەن كېرەك » ناملىق پىلاستىنكىلىرىنى ئېلان قىلغان.  

شاھزادىنىڭ بىر قانچە ۋەكىل خارەكتىرلىك ناخشىلىرى :
«يۈرەك سېزەر» 

«بار ئىكەن»

«ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم»

«بىرىنچى سۆيگۈ»

«پەقەت سەن»

«كېچىلەر»

«ئارمان»

«ئارزۇلەر»

«لەيلى ۋە مەجنۇن»

«ئال يۈرۈكۈمنى»

«تىلەيمەن»

«تۆت قەدەم»

«قارا كۆزلەرىڭ»

«باھار»

«قوللار تۈپىگە»

«تەكلىب»

«قېينىئانا»

«يۈرەك»

«ئايرىلارمىز»

«ماختانچاق»

«كەت»

تۆۋەندە ھوزۇرۇڭلارغا شاھزادىنىڭ بىر قانچە پارچە سۈرىتى ۋە بىر قانچە ناخشىلىرىنى سۇندۇق، ھوزۇر ئالغايسىلەر :


ناخشىلىرى :

مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • ئامىرخاننىڭ چېڭلوڭغا بەرگەن باھاسى

  • سوڭ خيېكيونىڭ ئىككى يىلدىن بۇيانقى ناچار كىيىنىشى

  • لى شياۋلوڭ قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرى قانداق قىسمەتلەرگە دۇچار بولدى؟

  • تورداشلار تاڭ يەننىڭ سەمىرىپ قالغانلىقىدىن سۆيۈندى

  • چىرايىغا قاراپ يېشىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدىغان ئەر چولپانلار

  • گاۋ يۈەنيۈەننىڭ روژدېستۋو بايرىمىلىق چۈشكەن سۈرەتلىرى

چولپانلار 明星 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ياش تالانتلىق رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر

  • ئۆزبېكىستانلىق سەنئەتكار- مەنزۇرە بىلەن تونۇشۇڭ

  • ھىندىستاندىكى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ گۈزەل ئايال چولپانلار

  • ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى - زىيادە قابىلوۋا

  • چەتئەل تور بېتى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 16 ئۇسسۇلچى

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • چەتئەل ژۇرنىلىغا چىققان فەن بىڭبىڭنى كىشىلەر  ..
      • جۇڭگو تاماشا ساھەسىدە شىنجاڭلىق ئەر چولپانلار ..
      • كورېيە ئۈچ ساھە سەنئەتكارلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يى ..
      • تاماشا چەمبىرىكىدىكى مەڭگۈ ئاجراشمايدىغان ئا ..
      • پرىيانكا چوپرا ئىككى فىلىمدە ئالەم ئۇچقۇچىسىن ..
      • جەكۋىلىن فېرناندىزنىڭ Vogue ژۇرنىلىغا بېسىلغان  ..
      • شۇنداق بىر دوستلۇق بار: ئەگەر سىز ياتلىق بولال ..
      • zee كىنو بايرىمىدىكى شاھرۇھ خان بىلەن پىرىيانكا ..
      • ۋوللىۋود چولپانلىرى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا ئاتا ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ