Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

ئەل سۆيگەن كۈلدۈرگە چولپىنى ئابدۇكېرەم ئابلىز ۋە ياش ئارتىس رۇقىيە ئوبۇلقاسىم
يوللانغان ۋاقتى:2017-10-20 06:34 مەنبەسى:
يانفوندا كۆرۇش

2002-يىلى 4-ئاي مەزگىللىرى، ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن رۇقىيە ئوبۇلقاسىم رولچى ۋە رېژىسسور سۈپىتىدە تونۇشۇپ قالغاندىن كېيىن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىدۇ. ئابدۇكېرەم ئابلىز قىزىقچىلىق قىلىپ:«ماۋزېدۇڭ بولمىغان بولسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، يېڭى جۇڭگو بولمىسا قۇربان تۇلۇم بولمايتتى، قۇربان تۇلۇم بولمىسا مەزكۇر فىلىم بولمايتتى، مېنىڭ بەختلىك ئائىلەممۇ بولمايتتى» دەيدۇ...


ئىسىم-فامىلىسى: ئابدۇكېرەم ئابلىز

بوي ئېگىزلىكى : 1.87 مېتىر 

ئېغىرلىقى : 78 كىلوگرام 
قىزىقىشى : رول ئېلىش

ھازىرقى خىزمەت ئورنى : تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسى 
مىجەزى : خۇشچاقچاق 
ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادىمى : ئاتا-ئانا، ئۇستازلىرى 
كەسپتىن سىرتقى ھەۋىسى : ئۇچار قۇشلارنى بېقىش 
ياخشى كۆرىدىغان رەڭگى : زەڭگەر 
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان گۈلى : قىزىل ئەتىرگۈل

ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان سۆزى : كىم ئاخرىغىچە كۈلسە، شۇ ھەقىقىي كۈلگەن بولىدۇ.
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تامىقى : لەغمەن 
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل : باھار پەسلى 
ئۆزىگە ئەڭ ياقىدىغان مۇزىكا : ئون ئىككى مۇقام 
ئۆزىگە تەسر قىلغان ئەدەبىي ئەسەر : ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» رومانى

ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى : ئايالى بىلەن تۆمۈرخان روزى 
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو فىلىمى : بويتاقلار ئائىلىسى 
ئەڭ ھۆرمەت قىلىدىغان رېژىسسور : تۇيغۇن ئەھمىدى 
ھۆرمەت قىلىدىغان كومپوزېتور : مەخمۇت سۇلايمان 
ئەڭ ياقتۇرمايدىغان ئىللەت : يالغانچىلىق، چېقىمچىلىق. ماڭا قايلىسىلا، گەپ بار ئوخشىمامدا؟

 

تۇنجى رول ئالغان فىلىمى : «قوغۇنچىنىڭ ھېكايىسى»
تۇنجى رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىمى : «سەھرادىن كەلگەن دادا»
ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوبراز : «دوزاخقا سەپەر» فىلىمىدىكى دىلشات ئوبرازى 
ئۆزىدىن ئەڭ رازى بولغان ئىشى : ساجىت ئوبرازىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقانلىقى 
ئەڭ ئەپسۇسلىنىدىغان ئىشى : قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىكىنىڭ مەرھۇم كومىدىيە ئارتىسى ئابدۇقادىر ھاجىم بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولالمىغانلىقى.

ئابدۇكېرىم ئابلىز 1970-يىلى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى قەشقەردە تاماملاپ، 1987-يىلى 9-ئايدا سابىق شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى درامما فاكۇلتىتى ئاكتىيورلۇق كەسپىنىڭ بىرىنچى قارار تولۇق كۇرس سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. 1991-يىلى 7-ئايدا مەكتەپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن، تەڭرىتاغ كىنو ستۇدىيىسىگە تەقسىم قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 2007-يىلغىچە ئاۋاز ئارتىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 2007-يىلىدىن باشلاپ كىنو-فىلىم پىلانلاش بۆلۈمىنىڭ ئىجادىيەت ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ.

ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ سەنئەت سائاسىدە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدا پەقەت ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىلا كۆزدە تۇتۇلۇپ قالماستىن، يەنە ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ دادىسى مۇھىم رول ئوينىغان. ئۇنىڭ دادىسى ناھايىتى قىزىقچى، يۇمۇرلۇق، ناخشا-مۇزىكىغا ھېرىسمەن ئادەم بولۇپ، يۇمۇرىستىك گەپ-سۆزلىرى، چالغان مۇزىكىلىرى، سەنئەتكە ھېرىسمەن ئابدۇكېرىم ئابلىزغا بەكرەك تەسىر قىلغان. ئۇ 5 ياشقا كىرگەندە دادىسى ئۇنىڭغا بىر داپ ئېلىپ بەرگەن بولۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنىڭ دادىسى دۇتار چالسا، ئۇ يېنىدا ئولتۇرۇپ داپ بىلەن تەڭكەش قىلىپ بېرىدىغان، دادىسىغا ئەگىشىپ ساز چالىدىغان بولغان. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا مەكتەپنىڭ سەنئەت كۇرژىكىغا قاتنىشىپ، داپ چېلىش ھەم لەپەر ئويناش، ھەر خىل قىزىقچىلىقلارنى قىلىش ئارقىلىق ساۋاقداشلىرى ئارىسىدا «داپچى»، «لەپەرچى» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان. دېمەك ئۇنىڭدىكى بۇ تالانت پەقەت بىر «تالانت» لا بولۇپ قالماستىن، بەلكى بىر سەنئەتكاردا بولۇشقا تېگىشلىك «ئالاھىدىلىك» بولسا كېرەك؟!

ئۇ 1991 - يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شۇ يىلى تۇنجى قېتىم «رونا ماركىلىق جۈسەي مانتىسى» ناملىق ئىتوتنى يېزىپ سەھنىدە ئوينىغان ھەم تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ بۇ مۇۋەپپەقىيىتىنى كۆرۈپ ئىتوت ئويناشقىلا ئەمەس، بەلكى ئىتوت يېزىشقا ھەۋەس قىلىدىغان، تۇرمۇشنى چوڭقۇر كۆزىتىدىغان بىر ئادەتنى يېتىلدۈرگەن. شۇ يىلى ئۇ ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى ئىچىدىكى «گاسنىڭ كېسەل يوقلىشى» ناملىق چۆچەكنى ئۆزگەرتىپ «گاس كۈيئوغۇل» ناملىق ئىتوتىنى يازغان. بۇمۇ تاماشىبىنلاردا ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلارنى قوزغىغان، كېيىن ئۇ يەنە «ئۇچرىشىش»، «ناباب دوختۇر، كاج بىمار»، «يېرىم دىدار»، «ئۆزۈم تاپقان بالاغا نەگە باراي داۋاغا»، «ئوغلۇمنىڭ تويى»، «تىلنىڭ سۆڭىكى يوق»، «ھەۋەسكارنىڭ ھەۋىسى» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىتوت يېزىپ سەھنە، تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرى ۋە VCD پلاستىنكىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن . بۇلارنىڭ ئىچىدە «رونا ماركىلىق جۈسەي مانتىسى»، «ھەۋەسكارنىڭ يېڭى ھەۋىسى»، «تۇماق سېتىش»، «يىراقتىكى موللا-داموللا»، «تىلنىڭ سۆڭىكى يوق»، «ئاجايىپ چۈش» قاتارلىق ئىتوتلىرى ئاساسەن مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلىپ، تاماشىبىنلار ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان.



ئۇنىڭ ئىجادىيەتلىرىنىڭ، تاماششىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ قوللىشىغا ئېرىشىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ئۇنىڭ يېزىپ ئوينىغان ئىتوتلىرىنىڭ تىلى ئاددىي، چۈشىنىشلىك، تۇرمۇشچانلىقى كۈچلۈك، خەلق تىلىغا باي مەزمۇنلار بىلەن يۇمۇرىستىك تىل ھەم ھەرىكەتلەرنىڭ چەمبەرچاس گىرەلىشىپ، سەھنە تىلىدا ھەم ئوبراز يارىتىشىدا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقانلىقىدا، ئۇنىڭ قەشقەر شىۋىسىدىن ئەپچىللىك بىلەن پايدىلىنىپ يېزىپ ئوينىغان ئىتوتلىرى ئاساسەن تۇرمۇشىمىزدا دائىم يۈز بېرىپ تۇرىدىغان، ھەممىمىز كۈندە يولۇقۇپ تۇرىدىغان ۋەقەلىك بولغاچقا، تاماشىبىنلار ئارىسىدا ياخشى تەسىر قالدۇرۇپ كەلگەن.





ئابدۇكېرىم ئابلىز ھازىرغا قەدەر، «قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا سەپىرى» ناملىق كىنو فىلىمى ۋە «باشقا قونغان ئامەت قۇشى»، «ئاخىرقى كۆل»، «دوزاخقا سەپەر»، «داپ»، «ساراڭ» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇئاۋىن رېژىسسورلۇقىنى، «قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئىجرائىي رېژىسسورلۇقىنى ئۆتىگەندىن سىرت، «سەھرادىن كەلگەن دادا»، «ئۈژمە كۆڭۈل يىگىت»، «ئازغۇن» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى ھەم «ئۈچ باش»، «ئېگىز ئەخمەق، پاكار دىقماق، ئورۇق ئاۋاقنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى»، «ئابدۇكېرىم ئابلىز يۇمۇرلىرى» قاتارلىق كۈلدۈرگە ۋە يۇمۇرلۇق ئىتوتلارنىڭ رېژىسسورلۇقىنى مۇستەقىل ئىشلىگەن. ھازىرغىچە ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك رېژىسسورلۇق قىلغان فىلىملەردىن «سەھرادىن كەلگەن دادا»، «ئازغۇن»، «ئۈچ باش»، «ئابدۇكېرىم ئابلىز يۇمۇرلىرى» قاتارلىقلار بار.


ئۇنىڭ يەنە ھازىرغىچە 800 دىن ئارتۇق كىنوغا، 200 دىن ئارتۇق تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىپ، 200 دىن ئارتۇق فىلىمنىڭ ئاۋاز رېژىسسورلۇقىنى ئىشلىگەن. ئۇ ئاۋاز رېژىسسورلۇقىنى قىلغان فىلىملەردىن «ئىللىق كۈز»، «مېنىڭ 1919-يىلىم» ناملىق كىنو فىلىمى ئاپتونوم رايون بويىچە «ساماۋى كۆۋرۈك» مۇكاپاتىغا ھەم مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىغا تەجىمە قىلىپ ئىشلەنگەن فىلىملەرنى باھالاشتا «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.



ياش سەنئەتكار ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ يۇقارقىدەك ئېرىشكەن بىر قاتار مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۇنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ھەم ئۇنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئەزىز كۆرۈرمەنلەردىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ ئەلۋەتتە.

بىزنىڭ پەخىرلىنىشىمىزگە، ھۆرمەتلىشىمىزگە ئەرزىيدىغان بۇ ئوغلان مىللىتىمىزنىڭ سەنئەت كۆۋرۈكىدىكى بىباھا گۆھەر. بىز بۇ ياش، تالانتلىق سەنئەتكارىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئىزدىنىپ، ئۆزىنى قوللاپ كېلىۋاتقان كەڭ تاماششىبىنلارغا مەزمۇنى تېخىمۇ مول بولغان، ئىدىيىۋىي تەربىيىسى كۈچلۈك بولغان ئىتوت، كۈلدۈرگىلەرنى سۇنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.



ئىسىم-فامىلىسى: رۇقىيە ئوبۇلقاسىم
يۇرتى: خوتەن
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1982- يىلى كېرىيە ناھىيىسىدە تۇغۇلغان
ئېگىزلىكى: 170 سانتېمېتىر
ئېغىرلىقى:   54 كىلوگرام
قىزىقىشى: سەنئەت
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: ياز پەسلى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە پائالىيىتى: ۋالىبول



ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چالغۇ: پىئانىنو
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جاي: ئۈرۈمچى
ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە: پەرزەنتلىك بولغان كۈن
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشا چولپىنى: ئابدۇللا ئابدۇرېىم
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو: ئارتس بولمايدىغان قىز
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو چولپىنى: چارلىز چاپلىن
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تامىقى: پولو
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىكى: شاكىلات
ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ئادەم: ئاتا-ئانام، يولدۇشۇم
ھايات يىغىندىسى: نەتىجە ئىنسان ھاياتىغا كاتتا ھۇزۇر


ياش ئارتىس رۇقىيە ئوبۇلقاسىم،‏ 1995- يىلى شىنجاڭ بالىلار دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىگە قۇبۇل قىلىنىپ 1998- يىلى مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. 1998- يىلدىن 2002- يىلغىچە كېرىيە ناھىيىلىك بالىلار باغچىسىدا ئىشلىگەن.
‏2003- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەڭرىتاغ كىنو سىتودىيىسىگە يۆتكىلىپ خىزمەت قىلغان. ‏ئۇ «سەپەردىكى مۇھەببەت»، «ئازغۇن»، «پۇل دېگەن شۇنداق نەرسە»، «مۇقام بىلەن ئۆتكەن كۈنلەر» قاتارلىق كىنولاردا رول ئېلىپ، ياخشى ئوبراز ياراتتى.
رۇقىيە ئوبۇلقاسىم يەنە «تۇماق سېتىش»، «ئارىچىغا ئالتە تاياق»، «ھېيت پەتىسى»، «ئىسسىتقۇچنىڭ كۈچى»، «ئاينىڭ ئون بەشى ئايدىڭ»، «چۈشەنمىدىم» قاتارلىق ئىتوتلىرى بىلەن كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە ئېرىشىپ كەلدى.


مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • فەن بىڭبىڭ بىلەن تاڭ يەن ياپونىيەدىكى مودا كۆرگەزمىسىگە قاتناشتى

  • ئورۇقلاپ باشقىچە تۈسكە كىرگەن بوللىۋود چولپانلىرى

  • تاماشا چەمبىرىكىدىكى بەدنىيەت مەستانىسى يوق چولپانلار

  • تاماشا چەمبىرىكىدىكى تاقىرباش چولپانلارغا نەزەر

  • نىجات ۋەلى ياقۇپنىڭ مەسلىھەت چېيى قىززىپ كەتتى

  • فەن بىڭبىڭنىڭ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىكى سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

چولپانلار 明星 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ياش تالانتلىق رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر

  • ئۆزبېكىستانلىق سەنئەتكار- مەنزۇرە بىلەن تونۇشۇڭ

  • ھىندىستاندىكى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ گۈزەل ئايال چولپانلار

  • ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى - زىيادە قابىلوۋا

  • چەتئەل تور بېتى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 16 ئۇسسۇلچى

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • چەتئەل ژۇرنىلىغا چىققان فەن بىڭبىڭنى كىشىلەر  ..
      • جۇڭگو تاماشا ساھەسىدە شىنجاڭلىق ئەر چولپانلار ..
      • كورېيە ئۈچ ساھە سەنئەتكارلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يى ..
      • تاماشا چەمبىرىكىدىكى مەڭگۈ ئاجراشمايدىغان ئا ..
      • پرىيانكا چوپرا ئىككى فىلىمدە ئالەم ئۇچقۇچىسىن ..
      • جەكۋىلىن فېرناندىزنىڭ Vogue ژۇرنىلىغا بېسىلغان  ..
      • شۇنداق بىر دوستلۇق بار: ئەگەر سىز ياتلىق بولال ..
      • zee كىنو بايرىمىدىكى شاھرۇھ خان بىلەن پىرىيانكا ..
      • ۋوللىۋود چولپانلىرى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا ئاتا ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ