Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

خۇش ئاۋازلىق رىياسەتچى -- دىلبەر ھوشيار
يوللانغان ۋاقتى:2017-10-20 06:21 مەنبەسى:
يانفوندا كۆرۇش


ئىسىم-فامىلىسى: دىلبەر ھوشيار
يۇرتى: غۇلجا
ئېگىزلىكى: 168 سانتىمېتىر
ئېغىرلىقى: 64 كىلوگرام
قىزىقىشى: ناخشا ئېيتىش
نۆۋەتتىكى ئورۇن: شىنجاڭ رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە مەركىزى
ھايات يىغىندىسى: قىيىن ئىش يوق ئالەمدە، كۆڭۈل قويغان ئادەمگە.


ياقتۇرىدىغان ياقتۇرمايدىغانلىرى:
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: ياز
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىتاب: لېيىغان بۇلاق
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كىنو: كونا ئاياغ
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تاماق: لەغمەن
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان جاي: غۇلجا
ياخشى كۆرىدىغان يېمەكلىك: تاتلىق يېمەكلىكلەر
ياقتۇرمايدىغان يېمەكلىك: ئەخلەت يېمەكلىكلەر



ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان كىشى: ئاتا-ئانام
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە تۈرى: سۇ ئۈزۈش
ياخشى كۆرىدىغان يازغۇچى، شائىر: مۇھەممەتجان راشىدىن، جالالىدىن بەھرام
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پروگرامما: مەشرەپ
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئارتىس: ئەنجىلىنا جۇلى
ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ناخشىچى: تۇرغان ئۆمەر، سەنۇبەر تۇرسۇن




مۇۋەپپەقىيەتلىرى:
     دىلبەر ھوشيار 1975- يىلى 8- ئاينىڭ 24- كۈنى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان. 1982- يىلىدىن 1987- يىلىغىچە بوۋا-مومىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5-باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان. 1987- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە غۇلجا شەھەرلىك 7- ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇغان. 1993- يىلى شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئاكتىيورلۇق كەسپىنىڭ تولۇق كورۇسقا قۇبۇل قىلىنىپ، 1998- يىلى ئوقۇشنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ھەم شۇ يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئستانسىسىغا خىزمەتكە چۈشكەن. ئۇ خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، خىزمەتنى بېرىلىپ ئىشلەپ، خىزمەتداشلىرى ۋە رەھبەرلىكىنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئاۋاز بېرىش كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش بىلەن بىرگە، ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى تۇلۇق جارى قىلدۇرۇپ، 2002- يىلى «مەشرەپ» پروگراممىسى يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ، تەكلىپ بىلەن 97 سان «مەشرەپ» پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، كۆرۈرمەنلىرىمىزنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، «قوربان ھېيىت سەنئەت كېچىلىكى»، «روزا ھېيىت سەنئەت كېچىلىكى»، «نۇرۇز» قاتارلىق سەنئەت كېچىلىكلىرى، ھەمدە «مۇختەر بۇغرا سەنئەت كېچىلىكى»، «8- مارت ئاياللار بايرىمىلىق كېچىلىك»، «ئەسقەر رىقىپ ناخشا كېچىلىكى»، «ئەخمەتجان ئەختەم ئىجادىيەت كېچىلىكى»، «ئابلەت ئابلىكىم ناخشا، ئىجادىيەت كېچىلىكى»، «ئەسقەر مۇختەر ناخشا كېچىلىكى» قاتارلىق نۇرغۇن كېچىلىكلەرگە مۇۋاپىقىيەتلىك رىياسەتچىلىك قىلىپ، ئۆزىنىڭ رىياسەتچىلىك جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى نامايەن قىلدى.



دىلبەر ھوشيار يەنە نۇرۇن فىلىملەرگە ئاۋاز بەرگەن بۇلۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە بىر قەدەر ۋەكىل خاراكتېرىگە ئىگە بولغانلىرىدىن: «ئالتۇن توي» فىلىمىدىكى ئايال باش پېرسۇناژ ۋېنلىغا، «مۇنچا خوجايىننىڭ ئۆيىدىكى ئەرلەر» فىلىمىدىكى ئاساسلىق پېرسۇناژ يىن جىڭغا، ھىندىستان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ماڭلاي سۇرۇخ» فىلىمىدىكى ئاساسلىق ئايال پېرسۇناژ ئوماغا، «بىز توي قىلايلى» فىلىمىدىكى ئايال باش پېرسۇناژ شۆسومېيغا ئاۋاز بەرگەن بولۇپ، ئۇ ئاۋاز بەرگەن نۇرغۇن فىلىملەر ھەرخىل مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن، ئۆ ھازىر دۆلەت 2- دەرىجىلىك ئاۋاز ئارتىسى.



     ئۇنىڭ مىجەزى ئېغىر بولۇپ، دىكتورلۇق ۋە رىياسەتچىلىك قىلىشقا قىزىقىدۇ. ئۇ «مەشرەپ» پروگراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىش شەرىپىگە ئېرىشكەنلىگىدىن بەكلا خۇشال بولغان، ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ رىياسەتچىلىك ھاياتىغا قەدەم قويغان. ئۇ يەنە گىتتار مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئۇ «دىكتورلار ساداسى» سەنئەت كېچىلىكىدە «سەھەر گۈلى» ناملىق ناخشىنى ئېيتىش بىلەن تۇنجى قېتىم سەنئەت ساھەسىگە قەدەم قويغان.



مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • كورېيە تاراتقۇلىرى ئەڭ گۈزەل قىزلار كوللىكتىپى ئەزالار تىزىملىكىنى ئاشكارلىدى

  • بۇ يىل مەرۋايىت مودا بولىدۇ، مومىڭىزنىڭ ئەتىۋارلىق مەرۋايىتىنى تالىشامسىز؟

  • چېن كۈن ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئۇسلۇبتا مودا پائالىيەتكە قاتناشتى

  • كىرىستىيانو رونالدونىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان رۇسىيەلىك مودېلنىڭ سۈرىتى

  • رۇسىيەنىڭ داڭلىق مودېلى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چولپىنى شاھرۇھ خان بىلەن كۆرۈشتى

  • غەلىتە چاچ پاسونى چىرايلىق ھۆسنى-جامالىغا ياراشمىغان چولپانلار

چولپانلار 明星 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ياش تالانتلىق رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر

  • ئۆزبېكىستانلىق سەنئەتكار- مەنزۇرە بىلەن تونۇشۇڭ

  • ھىندىستاندىكى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ گۈزەل ئايال چولپانلار

  • ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى - زىيادە قابىلوۋا

  • چەتئەل تور بېتى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 16 ئۇسسۇلچى

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • چەتئەل ژۇرنىلىغا چىققان فەن بىڭبىڭنى كىشىلەر  ..
      • جۇڭگو تاماشا ساھەسىدە شىنجاڭلىق ئەر چولپانلار ..
      • كورېيە ئۈچ ساھە سەنئەتكارلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يى ..
      • تاماشا چەمبىرىكىدىكى مەڭگۈ ئاجراشمايدىغان ئا ..
      • پرىيانكا چوپرا ئىككى فىلىمدە ئالەم ئۇچقۇچىسىن ..
      • جەكۋىلىن فېرناندىزنىڭ Vogue ژۇرنىلىغا بېسىلغان  ..
      • شۇنداق بىر دوستلۇق بار: ئەگەر سىز ياتلىق بولال ..
      • zee كىنو بايرىمىدىكى شاھرۇھ خان بىلەن پىرىيانكا ..
      • ۋوللىۋود چولپانلىرى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا ئاتا ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ