Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

جۇڭگو تاماشا ساھەسىدە شىنجاڭلىق ئەر چولپانلاردىن كىملەر بار؟
يوللانغان ۋاقتى:2017-10-19 03:41 مەنبەسى:
يانفوندا كۆرۇش

باش خەۋەر تورى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

دۇەن يىخوڭ:

شىنجاڭ غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئارتىسى، مەركىزى تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق فاكۇلىتېتىنى پۈتتۈرگەن. «ساقچىنىڭ ماھىيىتى»(刑警本色)،«يىخېيۇەن»(颐和园)،«ئىككىنچى ئىنى»(二弟)، «ئەسكەرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمى»(士兵突击)،«ئەترىتىم ۋە ئەترەت باشلىقىم»(我的团长我的团)،«بەيلۇ ئېدىرلىقى»(白鹿原)، «كۈچلۈك غەرب شامىلى»(西风烈) قاتارلىق تىياتىرلاردا رول ئالغان.

لى يوڭ:

ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرىستېتىنى پۈتتۈرگەن، ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ ئاتاقلىق رىياسەتچىسى، جۇڭگو ئاخبارات ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى. 1998-يىلىدىن باشلاپ ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگىراممىسىغا رىياسەتچىلىك قىلىشقا باشلىغان، شۇ يىلى «تەلەي52» دە رىياسەتچىلىك قىلغان. 2002-يىلى چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. 2003-يىلى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 2- قانىلىدا «ئالاھىدە 6+1» گە رىياسەتچىلىك قىلغان. 2004-يىلى ماھىر تاللاش پىروگىراممىسى «جۇڭگو ئارزۇسى» غا باش لايىھەلىگۈچى بولغان.

چېن جيەنبىن:

ئۈرۈمچى شەھرى تەڭرىتاغ رايونىدا تۇغۇلغان. جۇڭگو كىنو ۋە دىرامما ئارتىسى، رېژىسسور، جۇڭگو كىنو سەنئەتكارلىرى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى.

لى جيامىڭ:

كورلىدا تۇغۇلغان، 8 يېشىدا قىسىمدىكى ئاتا-ئانىسىغا ئەگىشىپ سىچۇەندىكى يۇرتى ميەنياڭغا قايتىپ كەلگەن.

لى ياپېڭ:

ئۈرۈمچى شەھرىدە تۇغۇلغان. داڭلىق ئارتىس، 1994-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن.

ساۋ ۋېييۈ

شىخەنزە ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدە تۇغۇلغان. 1994-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن.

نىغمەت:

ئۈرۈمچىلىك. 2002-يىلى خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار ئىچىدە 2-بولۇپ جۇڭگو ئاخبارات ئىنىستىتۇتىنىڭ «رىياسەتچىلىك ۋە دىكتورلۇق» كەسپىگە كىرگەن. 2006-يىلى پۈتتۈرۈپ مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ «خۇشاللىق لۇغىتى» دە رىياسەتچىلىك قىلغان.

شۈ جيا

شىنجاڭلىق، نەنجىڭ ھەربىي رايون سەنئەت ئۆمىكىنىڭ دىرامما ئارتىسى. «ئالاھىدە ئەسكەرلەر» يۈرۈشلۈك تىياتىرلىرىدا كۆپ چىققان بولغاچقا كۆرۈرمەنلەرگە تونۇلغان. ياراتقان ئوبرازى ئادەمگە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ.

ۋاڭ جىڭچۈن:

ئالتاي شەھرىدە تۇغۇلغان، شاڭخەي تىياتىر ئىنىستۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن، جۇڭگولۇق ئارتىس.

جاڭ ياڭياڭ:

جۇڭگو يېڭى ئەۋلاد ناخشىچىسى، مايتاغدا تۇغۇلغان. 2013-يىلى خۇنەن تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى ناخشا مۇسابىقىسى «شادىمان ئوغۇللار ئاۋازى» دا 6-بولغان.

يۈ مېڭلوڭ:

ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، ئىچكى قۇرۇقلۇق ئەر ناخشىچى، ئارتىس، MV رېژىسسورى، بېيجىڭ ئاكتىيورلۇق ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن.

ۋاڭ شۆبىڭ:

ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، 1994-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىنى پۈتتۈرگەن. نۇرغۇن تىياتىرلاردا رول ئېلىپ، تاماشىبىنلارغا تونۇلغان، 2002-يىلىدىن باشلاپ ئۇدا 12 يىل «ئائىلە زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش تور ئوبراز ئەلچىسى» بولغان، 2004-يىلى ۋە 2008-يىلى ئولىمپىك مەشئىلىنى يەتكۈزگۈچى بولغان.

ئەركىن ئابدۇللا:

قاغىلىقتا تۇغۇلغان، كىچىكىدىن گىتار چېلىشنى ئۆگەنگەن. 1999-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن مۇزىكىغا قاتتىق ئىشتىياقى بولغاچقا مۇزىكا ساھەسىگە قەدەم قويۇپ، ئەركىن مۇزىكا ئەترىتىنى قۇرغان، مۇزىكا ئۇسلۇبى فىلامىنگو ۋە ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىسىنى ئاساس قىلىدۇ، شۇنداقلا لاتىن، سەھرا، جاز ئۇسلۇبلىرىمۇ سىڭدۈرۈلگەن. ئۇ ئۆزگىچە بولغان خەلقئارالاشقان مۇزىكا ئۇسلۇبى ياراتقان.

ما تياۋ:

قارىمايدا تۇغۇلغان، خەلق ناخشىچىسى. 2004-يىلىدىن باشلاپ ئىجادىيەتلىرى بىلەن تونۇلغان. 2007-يىلى ئىجادىي پىلاستىنكىسىنى چىقارغان. 2008-يىلى «تاجىخان» ناملىق پىلاستىنكا چىقارغان. شۇنىڭدىن بۇيان نۇرغۇن پىلاستىنكا چىقىرىپ، نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.

پەرھات خالىق:

1982-يىلى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، ئىچىكى قۇرۇقلۇق ناخشىچىسى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 2006-يىلى «قېتىق مۇزىكا ئەترىتى» نى قۇرۇپ، باش ناخشىچى ۋە گىتارچىلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. 2010-يىلى ئەتىرىتىنى ئېلىپ گېرمانىيەگە بېرىپ ئويۇن قويغان. 2011-يىلى تۈركىيەدە مۇزىكا فېستىۋالىغا قاتناشقان. ئىككى پىلاستىنكا چىقارغان. 2014-يىلى «جۇڭگو ياخشى ئاۋازى3» كە قاتنىشىپ ۋاڭ فېڭ گۇرۇپپىسىنىڭ چېمپىيونى، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 2-بولغان. شۇ يىلى «جۇڭگو يىللىق يېڭى چاقنىغانلار تىزىملىكى مۇكاپاتى» دا مۇكاپاتلانغان. 2015-يىلى كېچىلىك ئۆتكۈزگەن. شۇ يىلى ۋاڭ جو بىلەن «سەپداش» ناملىق پىلاستىنكا چىقارغان. 2016-يىلى نەق مەيدان پىلاستىنىكىسى «ئاسمان» نى چىقارغان. 2017-يىلى 2-ئايدا «2.14» ناملىق ناخشىسىنى تارقاتقان.

لى ياڭ

ئەسەبىي ئىنگىلىز تىلىنىڭ قۇرغۇچىسى لى ياڭ 1969-يىلى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان، ئەسلى ئەجدادى شەنشىلىك بولۇپ، 60-يىللاردا ئاتا-ئانىسى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ شىنجاڭغا كەلگەن ئىكەن. لى ياڭ ئەسەبىي ئىنگىلىز تىلىنى ۋۇجۇدقا چىقارغاندىن كېيىن «قاتتىق قۇيۇن» چىقىرىپ، نۇرغۇنلىغان ئادەمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئىنگىلىزتىلى ئۆگەنگۈچىلەر كۆپىنچىسى ئۇنى بىلىدۇ.

مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 15 نازىنىن

  • ماشىنا بىلەن «چىقىشالمايدىغان» چولپانلار

  • شياڭگاڭلىق داڭلىق ئارتىس جۇ يىن گانا قىزىل گىلىمىدە چاقنىدى

  • داڭلىق ئايال چولپانلار قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيىپ، باھار بايرىمىنى تەبرىكلىدى

  • جىن شىڭ نېمىشقا ھەممە ئادەمنى تىللىيالايدۇ؟

  • ھوللىۋود ۋە بوللىۋود ئايال چولپانلىرى ئوخشاش كىيىم كىيىپ قالغاندا...

  • دىلرابا ھېچ كۈچىمەيلا كۆتۈرۈۋەتكەن چولپانلار

  • ھۆسىن تۈزەتمىگەن ئالتە ئايال چولپان

چولپانلار 明星 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ياش تالانتلىق رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر

  • ئۆزبېكىستانلىق سەنئەتكار- مەنزۇرە بىلەن تونۇشۇڭ

  • ھىندىستاندىكى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ گۈزەل ئايال چولپانلار

  • ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى - زىيادە قابىلوۋا

  • چەتئەل تور بېتى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 16 ئۇسسۇلچى

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • چەتئەل ژۇرنىلىغا چىققان فەن بىڭبىڭنى كىشىلەر  ..
      • جۇڭگو تاماشا ساھەسىدە شىنجاڭلىق ئەر چولپانلار ..
      • كورېيە ئۈچ ساھە سەنئەتكارلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يى ..
      • تاماشا چەمبىرىكىدىكى مەڭگۈ ئاجراشمايدىغان ئا ..
      • پرىيانكا چوپرا ئىككى فىلىمدە ئالەم ئۇچقۇچىسىن ..
      • جەكۋىلىن فېرناندىزنىڭ Vogue ژۇرنىلىغا بېسىلغان  ..
      • شۇنداق بىر دوستلۇق بار: ئەگەر سىز ياتلىق بولال ..
      • zee كىنو بايرىمىدىكى شاھرۇھ خان بىلەن پىرىيانكا ..
      • ۋوللىۋود چولپانلىرى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا ئاتا ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ