Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

كورېيە ئۈچ ساھە سەنئەتكارلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىم تىزىملىكى-بىر قىسىملىرى سىزدىنمۇ نامرات!
يوللانغان ۋاقتى:2017-10-19 03:31 مەنبەسى:
يانفوندا كۆرۇش

سىنا تاماشا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تەيۋەن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەنئەتكارلار ھەر قېتىم سەھنىگە چىقسا، شۇنچىلىك يارقىن ۋە يېڭىچە قىياپەتتە چىقىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ، كورېيە ئېقىمىنىڭ تەسىرى پۈتۈن دۇنيادا جۇش ئۇرۇپ، IP ساياھەت ئىقسادنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈرتكە بولغان. يەنە كېلىپ، ھەر يىلنىڭ ئاخىرىدا بىز ھەمىشە سەنئەتكارلار كىرىمى تىزىملىكىنى كۆرۈپ تۇرىمىز، بۇنىڭدىكى كىرىممۇ كىشىنى چۆچۈتكۈدەك دەرىجىدە! بىراق ئەمەلىيەتتە بولسا، ھەربىر سەنئەتكار كىرىمىنىڭ مۇشۇنداق بولۇپ كېتىشى ناتايىن! كورېيە پارلامېنتى مالىيە پىلان كومىتېتى ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، %90 ئارتىسنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى ئارانلا 520 مىڭ ۋون (تەخمىنەن 3000 يۈەنگە باراۋەر) كېلىدىكەن.

كورېيە پارلامېنتى مالىيە پىلان كومىتېتى 17-ئۆكتەبىر سەنئەتكارلارنىڭ كىرىم ئىستاتىستىكا جەدىۋىلىنى ئېلان قىلدى. ئارتىس ساھەسىدە، 15870 كىشى بولۇپ، بۇنىڭ ئارىسىدا ئاران %1 كىشى (جەمئىي 158 ئادەم) ئالدىنقى ئورۇنغا تېزىلىپ، يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2 مىليارد 8 مىليون ۋون (تەخمىنەن 12 مىليون يۈەنگە باراۋەر) بولغان. ئالدىنقى %10 كىشىنىڭ (جەمئىي 1587 ئادەم) ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 367 مىليون ۋون (تەخمىنەن 2 مىليون 200 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) بولۇپ، ئارقىدىكى %90 كىشىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى ئارانلا 6 مىليون 200 مىڭ ۋون (تەخمىنەن 37 مىڭ 235 يۈەنگە باراۋەر)  بولغان. دېمەك، ئۇلارنىڭ ئايلىق كىرىمى ئارانلا 520 مىڭ ۋون (تەخمىنەن 37 مىڭ يۈەن) دېگەن گەپ. بەزىلىرىنىڭ كىرىمى ھەتتا كورېيەدىكى ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە مائاشىدىنمۇ تۆۋەن. بۇ نەتىجىدىمۇ، ئارتىسلار كىرىمىدىكى پەرقنىڭ خېلىلا چوڭ ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ! 

بۇنىڭدىن باشقا، ناخشىچى ياكى مودېللارنىڭ ئەھۋالىمۇ ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، ناخشىچى ساھەسىدىكى جەمئىي 4667 كىشىدىن ئالدىنقى %1دىكى ناخشىچىلارنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 4 مىليارد 264 مىليون ۋون (تەخمىنەن 24 مىليون يۈەنگە باراۋەر)، كېيىنكى %90 (جەمئىي 4201 كىشى)نىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 8 مىليون 700 مىڭ ۋون (تەخمىنەن 52 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) بولۇپ، ئوتتۇرىچە ئايلىق كىرىمى 720 مىڭ ۋون (تەخمىنەن 4300 يۈەنگە باراۋەر) كېلىدىكەن. مودېل ساھەسىدىكى ئالدىنقى %1نىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 544 مىليون ۋون (تەخمىنەن 3 مىليون 300 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) بولۇپ، كېيىنكى %90 كىشىنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە كىرىمى 2 مىليون 700 مىڭ ۋون (تەخمىنەن 16000 يۈەنگە باراۋەر) كېلىدىكەن.

بۇنىڭ ئارىسىدا، جىنىس ئايرىمىسىدىكى پەرقمۇ مەۋجۇت بولۇپ، ئەر ئارتىسلارنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 4 مىليون 700 مىڭ ۋون (تەخمىنەن 280 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) بولسا، ئايال ئارتىسلارنىڭ 3 مىليون 700 مىڭ ۋون (تەخمىنەن 220 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) ، نەقمۇ-نەق 10 مىليون ۋون (تەخمىنەن 65 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) پەرق قىلىدىكەن؛ ئەر ناخشىچىلارنىڭ يىللىق كىرىمىمۇ ئايال ناخشىچىلارنىڭكىدىن 2.8 ھەسسە يۇقىرى بولۇپ، تەخمىنەن 112 مىليون ۋون (تەخمىنەن 680 مىڭ يۈەنگە باراۋەر) پەرق قىلىدۇ! كىشىنى چۆچىتىدىغان بۇنداق نەتىجىنى كۆرۈپ، كورېيەلىك چولپانلارغا ھەۋەس قىلىپ كېتىشنىڭ ئورنى يوقلۇقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.

مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • ھامىلدار بولغاندىن كېيىن گۈزەللىكىنى يوقاتمىغان بوللىۋود چولپانلىرى

  • داڭلىق رىياسەتچى نازىگۈل تۇرسۇنجان

  • چېڭلوڭ 89-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

  • تاڭ يەن ئوبراز ۋەكىلى پائالىيىتىگە قاتناشقاندا ئوماقلىقى بىلەن ياقتۇرۇشقا ئېرىشتى

  • ياش تالانتلىق رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر

  • 90- يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان داڭلىق ئايال چولپانلار

چولپانلار 明星 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ياش تالانتلىق رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر

  • ئۆزبېكىستانلىق سەنئەتكار- مەنزۇرە بىلەن تونۇشۇڭ

  • ھىندىستاندىكى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ گۈزەل ئايال چولپانلار

  • ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى - زىيادە قابىلوۋا

  • چەتئەل تور بېتى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 16 ئۇسسۇلچى

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • چەتئەل ژۇرنىلىغا چىققان فەن بىڭبىڭنى كىشىلەر  ..
      • جۇڭگو تاماشا ساھەسىدە شىنجاڭلىق ئەر چولپانلار ..
      • كورېيە ئۈچ ساھە سەنئەتكارلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يى ..
      • تاماشا چەمبىرىكىدىكى مەڭگۈ ئاجراشمايدىغان ئا ..
      • پرىيانكا چوپرا ئىككى فىلىمدە ئالەم ئۇچقۇچىسىن ..
      • جەكۋىلىن فېرناندىزنىڭ Vogue ژۇرنىلىغا بېسىلغان  ..
      • شۇنداق بىر دوستلۇق بار: ئەگەر سىز ياتلىق بولال ..
      • zee كىنو بايرىمىدىكى شاھرۇھ خان بىلەن پىرىيانكا ..
      • ۋوللىۋود چولپانلىرى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا ئاتا ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ