Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

تاماشا چەمبىرىكىدىكى مەڭگۈ ئاجراشمايدىغان ئامراق بىر جۈپلەر
يوللانغان ۋاقتى:2017-10-19 03:12 مەنبەسى:
يانفوندا كۆرۇش

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تاماشا چەمبىرىكى ھەق-ناھەق ئىشلار كۆپ يۈز بېرىدىغان جاي، ئۇ يەر ھەر خىل ئىزىقتۇرۇشلارغا تولغان، غەيۋەت-شىكايەتلەرمۇ ناھايىتى كۆپ. ئاشنا ئويناش، يولدىن چىقىش، ئۈچىنچى شەخىس، يۇشۇرۇن قائىدە قاتارلىقلار، ھەتتا بەزىلىرىنى سىزمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، بىراق يەنە بەزى چولپان ئەر-ئاياللار بار، ئۇلار سىرتقى دۇنيانىڭ تەسىرگە ئۇچرىماي، ئۆزىنىڭ كىچىك چەمبىرىكىدە بەختلىك ياشىماقتا. ئۇلارنىڭ ئامراقلىقىغا قاراپ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھەۋىسى كېلىدۇ.

ليۇ تاۋ بىلەن ۋاڭ كې توي قىلغاندىن بۇيان ئەزەلدىن گەپ تالىشىپ باقمىغان. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ليۇ تاۋ تاماشا ساھەسىگە قايتىپ رول ئېلىپ، يولدىشىنىڭ قەرزىنى تۆلىدى، بۇ جەرياندىكى يامان نەزەرلەر ۋە جاپالارنى پەقەت ئەر-ئايال ئىككىسىلا بىلىدۇ. ۋاڭ كې ئىلگىرى مىكرو بلوگىدا ئايالىغا كۆڭلىنى ئىزھال قىلىپ، «مۇھەببىتىڭىز قەلبىمگە ئورناپ كەتكەن، ماڭا سىز بولسىڭىزلا كۇپايە» دېگەنىدى. ۋاڭ كې يەنە ئايالىنىڭ ئۆزى ۋەيران بولغان چاغلاردا ئۆزىنى ئۈن-تىنسىز قوللىغانلىقىنى ئەسلەپ، ئۇنىڭ كىنو سۈرەتكە ئېلىۋاتقان چاغلاردا ئازابىنى كۈلۈمسىرەشكە ئايلاندۇرۇپ، دەرت-ئەلىمىنى قەلبىگە يۇشۇرغانلىقىنى، ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئايال ئېكەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

ۋۇ جىڭ بىلەن شيې نەن. «جەڭ بۆرىسى2»نىڭ داڭق چىقىرىشى ۋۇ جىڭنى تاماشا چەمبىرىكىدىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا چىقاردى، ئەلۋەتتە، ئاشكارىلىنىش دەرىجىسىمۇ بىللە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. «ئالاھىدە نۆل ئارىلىق» پىروگراممىسىغا قاتناشقاندا ئۇ ئايالى بىلەن ئوتتۇرىسىدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلىدى.

خۇاڭ لېي بىلەن سۈن لى. بۇ ئىككەيلەن تونۇشقان 20 يىلدىن بۇيان، تۇنجى مۇھەببەتلىشىۋاتقاندەكلا ئىناق ئۆتمەكتە. خۇاڭ لېي ئۆزىنىڭ سۈن لىنى تۇنجى كۆرگەندىلا ئۇنى ئايالىم بولىدۇ دەپ بېكىتكەنلىكىنى، شۇنچە يىللاردىن بۇيان سۈن لىنىڭ ئۆزىنىڭ يېنىدا بولۇشىغا، شۇنداقلا ئايالىنى ياخشى كۆرۈشكە كۆنۈپ قالغانلىقىنى، ھازىر ئائىلىسىنىڭ ناھايىتى ئىناق ئىكەنلىكىنى، 2 قىزى 1 ئوغلى بارلىقىنى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقىنى ئېيتقانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار ناھايىتى كەمتەر بولۇپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇلارنىڭ توي خېتى ئالغانلىقىنى تېلېۋىزوردىن كۆرۈپ ئاندىن بىلگەنىكەن.

لۇيى بىلەن باۋ لېي. باۋ لېي ئىلگىرى مىكرو بلوگىدا لۇ يى بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلىپ، «20 يىل بولدى، بۇ يەنىلا بىز» دەپ يازغانىدى. بۇ نەمۇنىلىك ئەر-ئاياللار ئاللىقاچان قول تۇتۇشۇپ 20 يىلنى بىللە ئۆتكۈزدى. ئۇلار ئالىي مەكتەپتىكى چېغىدىلا تونۇشۇپ مۇھەببەتلەشكەن، 2006-يىلى توي قىلغانىدى. ئۇ چاغلاردا لۇ يىنىڭ كەسپى ئانچە راۋاج تاپمىغان بولۇپ، باۋ لېي ئەنە شۇنداق چاغدا ئۇنىڭغا ياتلىق بولۇشنى تاللىغانىدى، بۇنىڭدىن ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 2 يىلدىن كېيىن باۋ لېي ھامىلدار بولۇپ، تاماشا چەمبىرىكىدىن رەسمىي خوشلاشتى. لۇ يى مۇنداق دەيدۇ: «مەن پۇل تېپىشقا مەسئۇل، ئۇ خەجلەشكە». بۇنداق سۆزلەرنى ھەر قانداق ئايال كىشى ئاڭلاشنى خالايدىغۇ دەيمەن؟ ھەر خىل ئىزىقتۇرۇشلارغا تولغان تاماشا چەمبىرىكىدە، ئالىي مەكتەپ ۋاقتىدىن باشلاپ مۇھەببەتلىشىپ، نەمۇنىلىك ئەر-ئايال بولۇپ ئۆتۈش ئاسان ئەمەس.

دېڭ چاۋ بىلەن سۈن لى. قىزىق قويۇلۇۋاتقان «گۈللەر ئېچىلىپ ئاي تولغان شۇ يىلى» سۈن لىنىڭ كەسىپنىڭ ئەڭ يۇقىرى چوققىسىغا ئېلىپ چىقتى. خان ئايىمنىڭ بۇنچە داڭلىقلىقىغا قارىماڭ، ئادەتتە ئۇلار ئادەتتىكى كىيىملەرنى كىيىشىپ، قول تۇتۇشۇپ سىرتقا چىقىدۇ. سۈن لى قولىنى ئىختىيارىي ھالدا دېڭ چاۋنىڭ مۈرىسىگە قويۇۋالىدۇ، ئىككەيلەن پاراڭلاشقاچ بىللە ماڭىدۇ، شۇنداق ئەركىن ۋە تەبىئىي. مېنىڭچە تاماشا چەمبىرىكىدىكى «ئەركىن-ئازادە» ۋە «تەبىئىي» ياشايدىغان چولپانلار دەل دېڭ چاۋ بىلەن سۈن لى، ئۇلار تۇرمۇشتا ئاددىي-ساددا بولۇپلا قالماستىن، يەنە مىكرو بلوگ ۋە ئاممىۋى سورۇنلاردا ھەر خىل قىزىقارلىق ھەرىكەتلەرنى چىقىرىدۇ.

شيې نا بىلەن جاڭ جيې. يېقىندا شيې نانىڭ پىروگراممىدىن ئايرىلىشى ھامىلدار بولغانلىقى سەۋەبىدىن دېگەن سۆزلەر تارقالغانىدى، ھازىر بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى ئىسپاتلاندى، كىشىلەر ئۇلار ئۈچۈن خۇشال بولۇشتى. ئۇلار توي قىلغاندىن بۇيان، جاڭ جيېنىڭ گېپى چىقسىلا شيې نا تاتلىق كۈلۈمسىرەيدۇ. شيې نا ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئەڭ چوقۇنىدىغان ئادىمىنىڭ يولدىشى جاڭ جيې ئىكەنلىكىنى ئېيتقانىدى. يېقىندا ئۇلارنىڭ مىكرو بلوگىنى يۇيۇۋەتكەنلىكى سەۋەبىدىن، كۆپچىلىك ئۇلارنىڭ ھېسسىياتىدىن مەسىلە چىققانمىدۇ دەپ ئەنسىرىگەنىدى. جاڭ جيې ناخشا كېچىلىكىدە «بىرىنچى خانىم» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى، بۇ ناخشىنى جاڭ جيې توي مۇراسىمىدا شيې ناغا ئېيتىپ بەرگەنىدى. بۇنداق سورۇندا يەنە ئۇ ناخشىنى ئېيتىشى، ئىككىسىنىڭ ئىلگىرىكىدەك ئامراق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلىپ، ئۆسەك خەۋەرلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئىدى.

مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • پرىيانكا چوپرا توغرۇلۇق سىز بىلمەيدىغان ئىشلار

  • شيې تىڭفېڭ يېڭى فىلىم تەشۋىق پائالىيىتىگە قاتناشقاندا ئايال مەستانىلىرى قاتتىق ھاياجانلاندى

  • شاھرۇھ خاننىڭ يېڭى فىلىمىنىڭ تۇنجى كۈنىدىكى بېلەت كىرىمى باشقا ئىككى خاننىڭكىدىن ئېشىپ كېتەلەرمۇ؟

  • خۇاڭ شياۋمىڭ بىلەن چېن كۈن ساۋاقداشلار يىغىلىشىدىكى سۈرەتلەرنى ئاشكارىلىدى

  • ھۆسىن تۈزەتمىگەن ئالتە ئايال چولپان

  • دۆلىتىمىزدىكى 10 داڭلىق چولپاننىڭ ئىلكىدىكى كارخانىلار كىرىم رەت-تەرتىپى

چولپانلار 明星 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ياش تالانتلىق رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر

  • ئۆزبېكىستانلىق سەنئەتكار- مەنزۇرە بىلەن تونۇشۇڭ

  • ھىندىستاندىكى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ گۈزەل ئايال چولپانلار

  • ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى - زىيادە قابىلوۋا

  • چەتئەل تور بېتى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 16 ئۇسسۇلچى

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • چەتئەل ژۇرنىلىغا چىققان فەن بىڭبىڭنى كىشىلەر  ..
      • جۇڭگو تاماشا ساھەسىدە شىنجاڭلىق ئەر چولپانلار ..
      • كورېيە ئۈچ ساھە سەنئەتكارلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يى ..
      • تاماشا چەمبىرىكىدىكى مەڭگۈ ئاجراشمايدىغان ئا ..
      • پرىيانكا چوپرا ئىككى فىلىمدە ئالەم ئۇچقۇچىسىن ..
      • جەكۋىلىن فېرناندىزنىڭ Vogue ژۇرنىلىغا بېسىلغان  ..
      • شۇنداق بىر دوستلۇق بار: ئەگەر سىز ياتلىق بولال ..
      • zee كىنو بايرىمىدىكى شاھرۇھ خان بىلەن پىرىيانكا ..
      • ۋوللىۋود چولپانلىرى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا ئاتا ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ