Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

كونا دوستلار كاران جوھار بىلەن كاجول يارىشىپ قالدى
يوللانغان ۋاقتى:2017-08-09 09:22 مەنبەسى: تور دۇنياسى
يانفوندا كۆرۇش


خۇددى كىشىلەر دائىم ئېيتىدىغاندەك:« بوللىۋودتا ھېچقانداق نەرسە مەڭگۈلۈك ئەمەس»! كاران جوھار ئۆزىنىڭ تەرجىمىھالىدا كاجول ۋە ئۇنىڭ يولدىشى ئاجەي بىلەن بولغان قاتتىق ئاداۋەتنى ئاشكارا تىلغا ئالغان. كاراننىڭ ئاشكارىلىشىچە ئۇ ئاجەينىڭ تېلېفون ئۇرۇپ ھاقارەتلىشىگە ئۇچرىغان.

كاران يەنە بۇ توغرىسىدا ئۆزىنىڭ كاجولنى مەڭگۈ كەچۈرمەيدىغانلىقىنى، بۇ 20 يىللىق دوستىنىڭ ئەمدى مەڭگۈ ھاياتىغا قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن ھازىر قارىغاندا، كاران بىلەن كاجول قايتا يارىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.


قېرىنداشلار بايرىمى كۈنى، كاران ئىنستاگرامدا ئۆزىنىڭ قوشكېزەكلىرىنىڭ تۇنجى سۈرىتىنى ئېلان قىلدى، كاجولمۇ باشقىلارغا ئوخشاش بۇ ئوماقلارنىڭ سۈرىتىگە يۈرەك بېرىشتىن ئۆزىنى تارتىپ تۇرالمىغان بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن تەڭ كىشىلەر كاران جوھارنىڭ ئىنستاگرامدا كاجولغا ئەگەشكەنلىكىنى كۆرگەن. بۇلا ئەمەس، بۇ كونا دوستلار رەسمىي يارىشىپ قالغان، تاراتقۇلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە ئەسلىدە كاجول ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىدە كاراننى تەكلىپ قىلغان، ئۇ كارانغا قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتكەن، كارانمۇ ئۇچۇرنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغاندىن كېيىن كاجولنىڭ تەكلىپىگە قوشۇلغان، تۇغۇلغان كۈن نەق مەيدانىدا كىشىلەر كاجولنىڭ كاران بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشكەنلىكىنى ۋە قىزغىن پاراڭلاشقانلىنى كۆرگەن.

ئىلگىرى تەرجىمىھالىدا كاران:«مېنىڭ ئەمدى كاجول بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق، بىز سوقۇشۇپ قالدۇق، مەلۇم ئىش مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئىنتايىن يېرىم قىلدى، مەن كاجول بىلەن <بولدى، كونا گەپنى قىلىشمايلى> دېيەلمەيمەن، ئەمەلىيەتتە بۇ كاجول بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرىمدىكى ئىش ئەمەس ئىدى، بۇ مەن ۋە ئاجەينىڭ ئوتتۇرىدىكى ئىش، بۇ پەقەت كاجول، ئاجەي ۋە مەن بىلىدىغان ئىش. مەن مۇشۇنچىلىك دېيەلەيمەن، ئارتۇق ئاشكارىلىيالمايمەن. لېكىن كاجول مەندىن ئەپۇ سورىشى كېرەك» دېگەن.

كاجول بولسا زىيارەت قوبۇل قىلغاندا بۇ توغرىسىدا باھا بېرىشنى رەت قىلغان. 

كاجول بىلەن كاران جوھار داڭلىق فىلىم «كېلىن يۆتكەش»تە تۇنجى ھەمكارلاشقان، كاران نەۋرە ئاكىسى ئادىتيا چوپرا رېژىسسورلۇق قىلغان بۇ فىلىمدە قوشۇمچە رول ئالغان بولۇپ، فىلمدە شاھرۇھ خان كاجولنىڭ ئىپادىسىدىن قاتتىق ھاياجانلانغان كاران رېژىسسور بولۇشنى قارار قىلغان، تۇنجى فىلىمى «بۇنداق ئىشلار بولۇپ تۇرىدۇ»نى يېزىشتىن بۇرۇنلا كاجول بىلەن شاھرۇھ خاننى كىنوغا تاللاپ بولغان، ئۇنىڭ كېيىنكى فىلىملىرى «شادلىققا يوشۇرۇلغان قايغۇ»، «مېنىڭ ئىسىم خان»، «مەڭگۈ ئايرىلالماسلىق» قاتارلىق فىلىملىرىدە كاجول باش رول ئالغان ياكى مېھمان رول ئالغان.

مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • 62 ياشلىق «جى شياۋلەن» ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى

  • لىن شىنرۇ يارىشىملىق مۇراسىم كۆينىكى كىيىپ ماسلاشتۇرۇپ لاتاپەتلىكىنى نامايەن قىلدى

  • كىنو مەستانىلىرى «ئاسىيادىكى 1-ساھىبجامال»نىڭ 50 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىدى

  • دىلرابانىڭ يېڭى كىنوسى 21-ئاپرېل قويۇلىدۇ

  • «مەن ناخشىچى» پروگراممىسىدا چېمپىيون بولغان دىماشنىڭ سېلىشتۇرما سۈرەتلىرى

  • ئەنجىلىنا جۇلى جەنۋەدىكى مەلۇم بىر فوند تەشكىلاتنىڭ يىللىق نۇتۇق يىغىنىغا قاتناشتى

چولپانلار 明星 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ياش تالانتلىق رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر

  • ئۆزبېكىستانلىق سەنئەتكار- مەنزۇرە بىلەن تونۇشۇڭ

  • ھىندىستاندىكى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ گۈزەل ئايال چولپانلار

  • ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى - زىيادە قابىلوۋا

  • چەتئەل تور بېتى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 16 ئۇسسۇلچى

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • پرىيانكا چوپرا ئىككى فىلىمدە ئالەم ئۇچقۇچىسىن ..
      • جەكۋىلىن فېرناندىزنىڭ Vogue ژۇرنىلىغا بېسىلغان  ..
      • شۇنداق بىر دوستلۇق بار: ئەگەر سىز ياتلىق بولال ..
      • zee كىنو بايرىمىدىكى شاھرۇھ خان بىلەن پىرىيانكا ..
      • ۋوللىۋود چولپانلىرى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا ئاتا ..
      • چولپانلار رەسىمگە چۈشكەندە ۋە ماھارەت ئورۇندى ..
      • مەكتەپ گۈزىلى بىلەن توي قىلغان 5 چولپان
      • قايسى ئايال چولپاننىڭ گىرىم قىلغان ۋە قىلمىغا ..
      • لى ليەنجيې ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ بىللە بولغان ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ