Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

تايلاند مودا ساھەسىدىكى «فەن بىڭبىڭ»: مودېللىق مۇسابىقىسى كۆرۈشكە ئامراق مەلىكە
يوللانغان ۋاقتى:2017-08-09 09:36 مەنبەسى: تور دۇنياسى
يانفوندا كۆرۇش


بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 8-ئاۋغۇست خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تايلاند پادىشاھى بۇمىبول ۋاپات بولۇپ، تەختكە ئۇنىڭ بىردىنبىر ئوغلى ۋاجىرا لوڭكورن ۋارىسلىق قىلغانلىقى، بۇ جەرياندا خېلى كۆپ تالاش-تارتىشلار بولغانلىقى ھەممىگە مەلۇم. بىراق، بۇ يېڭى پادىشاھ تارقىلىپ يۈرگەن سۆز-چۆچەكلەر ۋە شەخسىي تۇرمۇشىنىڭ قالايمىقانلىقى سەۋەبلىك خەلقنىڭ ئانچە قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمىدى. ئۇ 3 قېىتم نىكاھتىن ئاجراشقان بولۇپ، قىز دوست ئالماشتۇرۇش سۈرئىتى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇ ھازىر بىر مۇنچە بالىغا دادا بولۇپ قالدى.

سۈرەتتىكى بۇ قىز ئۇنىڭ 2-ئايالىدىن تۇغۇلغان قىزى سىرىۋانناۋارى نارىراتانا (Sirivannavari Nariratana) بولۇپ، قىسقارتىپ سىرى (Siri) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھېكايىلەرمۇ خېلى كۆپ.

سىرى بۇ يىل ئەمدىلا 30 ياشقا كىردى. بىراق، ئۇ كۆرگەن مودېللىق مۇسابىقىلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ھازىر ئاسىيا قىتئەسىدە پەقەت فەن بىڭبىڭلا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلىشالايدۇ. بۇ سۈرەت ئىككەيلەن LV مودېللىق مۇسابىقىسى كۆرگىلى بارغاندا تارتىلغان.

ئۇنىڭ تەمىناتى ئايال چولپانلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ، تاراتقۇلارمۇ ئۇنىڭ ئايال چولپانلار بىلەن تۇرغان ھالىتىنى سۈرەتكە تارتىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق، ئۇ سۈرەتكە چۈشۈشنى ئانچە بىلمەمدۇ، قانداق، ھەممە سۈرىتىدە چىرايى بەك چوڭ چىقىپ قالىدۇ. بۇ خىل چىراي شەكلى ئۇنىڭغا ئانىسىدىن مىراس قالغان.

بىراق، مەلىكە سىرىنىڭ كۆپ قىسىم ۋاقتى كىيىم تاللاش بىلەن ئۆتىدۇ، كىيىم ماسلاشتۇرۇشقا ناھايىتى ئۇستا.

ھازىرقى دەۋردە ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلار گۈزەل ھېسابلىنىدۇ. 2009-يىلى «فوبېس» ژۇرنىلى باھالاپ چىققان «دۇنيا بويىچە ئەڭ جەلپكار خان جەمەتى ئەزالىرى» ئىچىدە ئۇ 5-ئورۇنغا تىزىلغان. چۈنكى ئۇ مودېللىق مۇسابىقىلىرىگە بەك كۆپ كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئەنگلىيە كېنەز خانىمى كەيت ۋە موناكو خانىشى چارلېننىمۇ بېسىپ چۈشىدۇ، چەتئەل تور بەتلىرى ئۇنىڭ مودېللىق مۇسابىقىلىرىدە چۈشكەن سۈرەتلىرى بىلەن تولغان. ئۇ ھەتتا رۇسىيەدىكى مودېللىق مۇسابىقىسىگىمۇ بارغان.

ئۇ خېلى بۇرۇنلا خەلقئارالىق مودېللىق مۇسابىقىلىرىگە ئاتلانغان بولۇپ، مودېللىق مۇسابىقىلىرىنى كۆرۈشكە تايلاندنىڭ ئايال چولپانلىرىدىنمۇ بەكرەك قىزىقىدۇ. 

Dior ،Chloe ،Jean Paul Gaultier

Balmain، Kenzo، Elie Saab

Lanvin، Hermes، Salvatore Ferragamo

يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ماركىلار ئۇ ئېلانىغا چىققان مەھسۇلاتلارنىڭ پەقەت كىچىككىنىلا بىر قىسىمى، خالاس. ئۇ تېخى 7-ئايدا پارىژدا ئۆتكۈزۈلگەن Chanel مودېللىق مۇسابىقىسىگىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئادەتتە ئۇنى سۈرەتكە تارتىدىغان فوتوگرافنىڭمۇ مەخسۇس بېكىتىلگەن ئورنى بار.

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئۆزىنى سۈرەتكە تارتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سىرى بېشىنى تېخىمۇ ئېگىز كۆتۈرۈپ، تېخىمۇ مەغرۇر قىياپەتتە ماڭماقتا.

ئۇنىڭ مودا ساھەسىدىكى ئابرويى نېمە ئۈچۈن بۇنچە تېز ئۆسىدۇ؟ ئەسلىدە ئۇنىڭ ئانىسى، ۋاجىرا لوڭكورننىڭ 2-ئايالى بىر 60 ياشلىق ھاۋا ئارمىيە ئەمەلدارى بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ ئەيىبلىنىپ ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندا ۋاجىرا لوڭكورن ئايالى بىلەن 4 ئوغلىنى چىقىرىۋېتىپ، سىرىنىلا ئېلىپ قالغان. بۇنىڭدىكى سەۋەبنى ئۇ: «قىزىمدا بىر خاسىيەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئۈچۈن تايلاند خەلقى مۇشۇنداق خاتىرجەم ياشاۋاتىدۇ، ئۆزۈممۇ مۇشۇ سەۋەبتىن تەختكە ۋارىسلىق قىلالىدىم» دەپ چۈشەندۈرگەن.

گەرچە ۋاجىرالوڭكورننىڭ تۇنجى نىكاھى سىرىنىڭ ئانىسى سەۋەبلىك ۋەيران بولغان بولسىمۇ، ئەمما سىرىنىڭ ئانىسى سۈرگۈن قىلىنغاندىن كېيىن ۋاجىرالوڭكورننىڭ تۇنجى ئايالى سوڭشاۋالى سىرىنى بېقىپ چوڭ قىلغان.

شۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك سىرى خان جەمەتىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئانچە كۆپ قاتناشمايدۇ، سۆز-ھەرىكىتىدە ناھايىتى ئېھتىياتچان بولۇپ يۈرىدۇ.

سىرى ناھايىتى تالانتلىق بولۇپ، ئەمەلدىمۇ قەلەمدىمۇ يېتىشكەن. ئۇ تايلاند چەۋەندازى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئىلگىرى تايلاند ئاياللار پەي توپ كوماندىسىغا ئەزا بولۇپ، مۇسابىقىگە قاتناشقان، يەنە تېخى شەخسىي رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن.

ئۇ يەنە تايلاندقا ۋەكىل بولۇپ دوھا ۋە ئىنچونلاردا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بەيگە مۇسابىقىسىگە قاتناشقان.

تايلاند خان جەمەتىنىڭ ئىشلىرى خۇددى كىنو-فىلىم كۆرۈنۈشلىرىگە ئوخشايدۇ. خان جەمەتى ئەزالىرى ھەر ۋاقىت ھوشيار تۇرۇپ، ئۆزىگە كېلىۋاتقان خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ، ھەتتا كېچىلەرنى بىدار ئۆتكۈزىدۇ. بىراق، مەلىكە سىرى ئۇلارغا ئوخشىمايدىغان يول تۇتۇپ، تاماشا ساھەسىدە كۆڭلىنى خۇش قىلىپ يۈرىدۇ.

مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ شېرىنئاي مەنزىللىرى

  • تايلاندتىكى ئارىلاش قانلىق ئايال چولپان ھىندىستانلىق مىليونېرغا ياتلىق بولدى

  • جۇڭگو ھازىرقى زاماندىكى ئەڭ رول ئېلىش ماھارىتىگە ئىگە ئەر ئارتىسلار

  • چولپان ئەر-ئايال لى شياۋلۇ بىلەن جيا نەيلياڭ مەلۇم مېھمانسارايدا پەيدا بولدى

  • ھەرخىل ئوبرازلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ دورىغان شيې نا

  • شاھرۇھ خان بىلەن ئامىر خان پەيدا قىلغان بەس-مۇنازىرىلەر

چولپانلار 明星 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ياش تالانتلىق رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر

  • ئۆزبېكىستانلىق سەنئەتكار- مەنزۇرە بىلەن تونۇشۇڭ

  • ھىندىستاندىكى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ گۈزەل ئايال چولپانلار

  • ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى - زىيادە قابىلوۋا

  • چەتئەل تور بېتى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 16 ئۇسسۇلچى

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • پرىيانكا چوپرا ئىككى فىلىمدە ئالەم ئۇچقۇچىسىن ..
      • جەكۋىلىن فېرناندىزنىڭ Vogue ژۇرنىلىغا بېسىلغان  ..
      • شۇنداق بىر دوستلۇق بار: ئەگەر سىز ياتلىق بولال ..
      • zee كىنو بايرىمىدىكى شاھرۇھ خان بىلەن پىرىيانكا ..
      • ۋوللىۋود چولپانلىرى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا ئاتا ..
      • چولپانلار رەسىمگە چۈشكەندە ۋە ماھارەت ئورۇندى ..
      • مەكتەپ گۈزىلى بىلەن توي قىلغان 5 چولپان
      • قايسى ئايال چولپاننىڭ گىرىم قىلغان ۋە قىلمىغا ..
      • لى ليەنجيې ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ بىللە بولغان ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ