Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / ساغلاملىق 保健

ئۆپكىنىڭمۇ قان ئىشلەش ئىقتىدارى بار
يوللانغان ۋاقتى:2017-07-08 03:56 مەنبەسى: uy.ts.cn
يانفوندا كۆرۇش

ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

(ماتېرىيال سۈرەت)

 ئامېرىكا ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەتقىقاتىدىن بايقىلىشىچە، نەپەسلىنىش ئەزاسى بولغان ئۆپكىنىڭمۇ قان ئىشلەش ئىقتىدارى بار ئىكەن. تەتقىقاتچى خادىملار ‹‹قوش نۇرلۇق تىرىك تەن تەسۋىر›› تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، چاشقاننىڭ ئۆپكە قىل قان تومۇرى ئىچىدىكى يەككە ھۈجەيرىسىنىڭ پائالىيىتىنى كۆزەتكەندە، ئۆپكە قىل قان تومۇر ئىچكى دىۋارىدا كۆپ مىقداردا چوڭ يادرولۇق ھۈجەيرە بارلىقىنى تاسادىپىي بايقاپ قالغان. بۇ چوڭ يادرولۇق ھۈجەيرىلەر ئاساسلىقى قان پىلاستىنكىلىرىنى ھاسىل قىلغان. چاشقاننىڭ ئۆپكە قىل قان تومۇرىدىكى چوڭ يادرولۇق ھۈجەيرە ھەر سائەتتە تەخمىنەن 1000 دىن ئارتۇق قان پىلاستىنكىسى ھاسىل قىلغان، چاشقان تېنىدىكى يېرىمدىن كۆپرەك قان پىلاستىنكىسى دەل مۇشۇ ئورۇندىن كەلگەن.

 تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ئۆپكىدە يەنە كۆپ مىقداردا قان ئىشلىگۈچى غول ھۈجەيرە ۋە ئەجداد ھۈجەيرىلىرى بولغاچقا، زەخىملەنگەن يىلىكنىڭ قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدىكەن. قان ئىشلىگۈچى ئەجداد ھۈجەيرە بەلگىلىك مىكرو مۇھىت ۋە بەزى ئامىللارنىڭ ئورتاق تەڭشىشى ئاستىدا كۆپىيىپ دىففېرېنسىيەلىنىشتىن ھاسىل بولغان ھەر خىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئەجدادى ئىكەن، ئۇلار ئاللىقاچان كۆپ يۆنىلىشلىك دىففېرېنسىيەلىنىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان، پەقەت بىر ياكى بىر نەچچە خىل قان ھۈجەيرە سىستېمىسىغا قاراپ كۆپىيىپ دىففېرېنسىيەلىنىدىكەن. ئەڭ يېڭى تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، بۇ قان پىلاستىنكىسى كېمىيىپ كېتىش كېسەللىكىنى داۋالاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يىلىك ۋە ئۆپكىنىڭ قانداق قىلىپ قان ئىشلىگۈچى ھۈجەيرىلەرنى ئالماشتۇرغانلىقىنى تەتقىق قىلىش ۋە قان ھاسىل قىلىش سىستېمىسىنىڭ ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش جەھەتتە يېڭى يۆنىلىش كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • ئۇيقۇڭىز ناچار تۇرمۇش ئامىللىرىنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتمىسۇن

  • بەدىنىڭىزدە قايسى ۋىتامىنلارنىڭ كەملىكىنى بىلەمسىز؟

  • بالىلارغا مېۋە-چىۋىنى تاللاپ يىگۈزۈش كېرەك

  • ئاياللار بۆرەك ئاسراشقا بەكرەك ئەھمىيەت بېرىشى لازىم

  • مۇۋاپىق ئاچچىقلىنىشنىڭمۇ بەزىدە مېڭىگە پايدىسى بار

  • بالىلار يۆتەلگەندە ئۆرۈك مېغىزى ئارىلاشتۇرۇلغان ھەسەل سۈيى شىپا بولىدۇ

ساغلاملىق 保健 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ئۆپكىنىڭمۇ قان ئىشلەش ئىقتىدارى بار

  • ياغلىق يېمەكلىكنى كۆپ يەيدىغانلار ئاسانلا ھۇرۇنلىشىپ كېتىدۇ

  • كۈچەپ كېرىلىش جىگەرگە پايدىلىق

  • قورساق ئاچمىسىمۇ غىزالانغاندا قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىدۇ

  • AIDS ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • شاھرۇھ خاننىڭ يېڭى كىنوسى ھىندىستاندا ياخشى ن ..
      • بوللىۋودتىكى بەختلىك بىر جۈپلەردىن قايسىسىنى ..
      • بوللىۋود چولپانلىرى ياقتۇرىدىغان ماشىنا تاخت ..
      • ئوتتۇرا شەرق خان جەمەتىدىكى 9 چوڭ ساھىبجامال
      • ئانۇشكا شېتتى بىلەن پراباس يېڭى فىلىمدا ھەمكا ..
      • ھوللىۋود فىلىمىدىمۇ رول ئېلىپ باققان لى بىڭبى ..
      • كاترىنا كەيف ئاشۋارىيانى«تۈلكە» دەپ ئاتىدى
      • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسىملىرى
      • تاماشا ساھەسىدىكى چولپانلارنىڭ ھەيران قالارل ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ