Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / ساغلاملىق 保健

ئۇيقۇڭىز جايىدا بولۇۋاتامدۇ؟
يوللانغان ۋاقتى:2017-07-01 10:47 مەنبەسى: nur.cn
يانفوندا كۆرۇش

ئۇيقۇ سۈپىتى ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماستىن، بەلكى كىشىنىڭ قىلىۋاتقان خىزمىتى، مەشغۇل بولۇۋاتقان ئىشلىرى ۋە باشقا بىز ئويلاپ باقمىغان نۇرغۇن تەرەپلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئۇيقۇ ئادەم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ ماقالىدە ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئىپادىلىرى، زىيىنى ۋە سۈپەتلىك ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ھەققىدە توختىلىمىز.

ئۇيقۇسىزلىقنىڭ ئىپادىلىرى

ياتقان ھامان ئۇخلاپ قالىدۇ: مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايانكى، دائىم يېتىپ بەش مىنۇت بولا-بولمايلا ئۇخلاپ كېتىدىغان ئادەمدە ئىنتايىن ئېغىر دەرىجىدە ئۇيقۇسىزلىق مەۋجۇت بولىدۇ، ھەتتا ئۇيقۇ توسالغۇغا ئۇچراش مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن.

ئادەتتە بەك ھاياجانلىنىدۇ: ئۇيقۇسىزلىق چوڭ مېڭە ماڭلاي پوستلاق قەۋىتىگە ئېغىر دەرىجىدە زىيان سالىدۇ، بۇ رايون ئاساسلىق ھۆكۈم چىقىرىش، ھاياجانلىنىش تۇيغۇسىنى تىزگىنلەش، كۆرۈش سەزگۈسى ۋە دىققەتنى يېغىش كۈچىگە مەسئۇل، شۇڭا ئۇيقۇسىزلىق ئادەمنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئىش قىلغاندا ئاسان ھاياجانلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ.

تىلى كالۋالىشىدۇ: ئۇيقۇسىزلىق ئادەمدە ئۆزلىكىدىن پەيدا بولىدىغان مۇرەككەپ سۆزلەرنى قىلىشتا قىينىلىدىغان، ئاسانلا تىلى كالۋالىشىدىغان، قۇرۇق گەپنى كۆپ قىلىدىغان، گېپىنىڭ باش-ئاخىرى ماسلاشمايدىغان ئەھۋال كۆرۈلىدۇ.

ئۇنتۇغاق بولۇپ قالىدۇ: سىرتقا چىققاندا ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قالىدۇ، بىر نەچچە قېتىم ئاڭلىسىمۇ يېڭى خىزمەتداشلىرىنىڭ ئىسمىنى ئېسىدە تۇتالمايدۇ، دائىم ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلىرىنى يوقىتىپلا يۈرۈيدۇ... ئۇيقۇسىزلىق ھەتتا ئادەمدە ئەسلىمە شەكىللىنىش، لوگىكىلىق تەپەككۇر مۈجمەللىشىش، چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلالماسلىق، ئىشنى ئەقىل بىلەن قىلماسلىق ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ئاسانلا ئېچىرقاپ كېتىدۇ: ئادەم قېنىپ ئۇخلىمىغاندا، بەرەڭگە ياپراقچىسى ۋە مارۇژنا دېگەندەك ساغلام بولمىغان يېمەكلىكلەرگە ئاسان مەپتۇن بولىدۇ. ئۇيقۇسىزلىق يەنە ئادەم بەدەنىدىكى ھورمۇننىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدۇ، بۇنىڭ نەتىجىسى ئاسانلا ئېچىرقاش بولىدۇ.

دىققىتىنى يىغالمايدىغان بولۇپ قالىدۇ: تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايانكى، ئۇيقۇسىزلىق ئادەمنىڭ دىققىتىنى يىغىش كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ھەتتا تېز ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.

قول-پۇتلىرى كالۋالىشىدۇ: ئۇيقۇسىزلىق ئادەمدە يول ماڭغاندا تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلىدىغان، پۇت - قوللىرى ماسلاشمايدىغان، ئىشنى قولىنىڭ ئۇچىدىلا قىلىدىغان ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.

ئۆيدە جېدەل قۇرۇمايدۇ: ئۇيقۇسى يېتەرلىك بولمىغان ئەر-خوتۇنلار ئاسان ئاچچىقلىنىدۇ، ئارىسىدا سۈركىلىش ۋە جېدەل قۇرۇمايدىغان، ھەتتا قول سالىدىغان ئىشلارمۇ پات–پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.

ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە دىققىتى چېچىلىدۇ: ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە تىز سۈرئەتلىك يولدىن چىقىدىغان ئېغىزدىن ئۆتۈپ كېتىش، ئايلىنىدىغان يەرنى ئۇنتۇش، كۈندۈزى قىلغان ئىشىنى ئېسىدە تۇتالماسلىق، بىر ئىشنى دەرھال ئېسىگە ئالالماسلىق... دېگەندەكلەرنىڭ ھەممىسى ئۇيقۇسىزلىقنىڭ نەتىجىسى.

كۈندۈزىمۇ ئۇخلاپ قالىدۇ: كۈندۈزى ئاپتوموبىلدا ئولتۇرغان ياكى كىنوخانىدا كىنو كۆرۈۋاتقان چاغدا ئۇخلاپ قالسىڭىز، بەلكىم بۇ سىزنىڭ ئۇيقۇ تولۇقلاشقا موھتاج بولغانلىقىڭىزنىڭ ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن. ئۇيقۇ يېتەرلىك چاغدا كۈندۈزى ئادەم چوقۇم ھوشيار يۈرۈيدۇ، روھى ئۈستۈن بولىدۇ، گۇڭگا ياكى تېنچ يەردە ئۇزاق ئولتۇرسىمۇ، ئۇخلاپ قالىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ.

ئۇيقۇسىزلىقنىڭ يەتتە زىيىنى

گاسلىق ياكى قۇلاق غوڭۇلداش پەيدا بولىدۇ: ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا، ئىچكى قۇلاققا بارىدىغان قان ئازىيىپ، ئاڭلاش ئىقتىدارى چېكىنىدۇ، دائىم تۈنەش ھەتتا ئادەمنى گاس قىلىپمۇ قويىدۇ.

سېمىزلىك: دائىم تۈنەيدىغان ئادەم «كەچلىك تاماق» يەيدىغان بولۇپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يېتىپلا قالماستىن، يەنە ئەتىسى ناشتىغا ئىشتىھاسى بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەمدە ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ سەمىرىپ كېتىدۇ.

تېرە زىيانغا ئۇچرايدۇ: تېرە كەچ سائەت 10:00 دىن 11:00 گىچە بولغان ۋاقىتتا كۈتۈنۈش باسقۇچىغا كىرىدۇ، ئۇزاققىچە تۈنۈش ئادەمدە ئىچكى ئاجرالما ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىدا بۇزۇلۇشنى پەيدا قىلىپ، تېرىنى قۇرغاق قىلىۋېتىدۇ، شۇنداقلا ئېلاستىكىلىقى تۆۋەنلەپ نۇرسىزلىنىدۇ، يەنە مۇنەك، كېپەك، ھەتتا قارا داغ ئۆرلەيدۇ.

ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى تۆۋەنلەيدۇ: تۈنەشكە ئادەتلىنىپ قالغان ئادەمنىڭ سىمپاتىك نېرۋىسى كېچىسى ئويغاق ھالەتتە تۇرىدۇ، شۇڭا كۈندۈزى ئادەم روھى چىقىپ كەتكەندەك، بېشى قىيىپ مېڭىسى چېڭقىلىۋاتقاندەك، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى چېكىنىپ، دىققىتىنى يىغالمايۋاتقاندەك ۋە ئىنكاسى ئاستىلاپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ. ۋاقىت ئۇزارغانسېرى بۇ ئالامەتلەر نېرۋىسى ئاجىزلاش، ئۇخلىيالماسلىق كېسىلىگە تەرەققىي قىلىدۇ.

ئۈچەي بىلەن ئاشقازان كىرىزىسقا دۇچ كېلىدۇ: ئادەمنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسىكى ھۈجەيرىلەر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى، ئۈچ كۈندە بىر قېتىم يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، بۇ يېڭىلىنىش ئادەتتە كېچىسى بولىدۇ، ئەگەر ئادەم كېچىسى تاماق يېسە، ئۈچەي بىلەن ئاشقازان ئارام ئالالمايلا قالماستىن، يەنە ئۆزلۈكىدىن ئەسلىگە كېلىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كېچىسى يېگەن تاماق ئۇزاققىچە بەدەندە تۇرۇپ قېلىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ كۆپ مىقداردا ئاجرىلىشى ۋە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ زىيادە غىدىقلىنىشىغا سەۋەب بولىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاشقازان شىللىق پەردىسىدە چىرىشنى پەيدا قىلىدۇ - دە، ئادەم ئاشقازان يارىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.

ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىزلايدۇ: دائىم تۈنەش، چارچاش ۋە روھى چۈشكۈنلۈك ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن زۇكام ۋە زىيادە سەزگۈرلىك كېسىلى ئادەمگە بىردەمدىلا يېپىشىدۇ.

يۈرەك كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش خەتىرى كۈچىيىدۇ: «كېچە بىلەن كۈندۈز ئالمىشىپ قېلىش» ھالىتى ئۇزاق داۋام قىلسا، ئادەمنىڭ مىجەزى ئوساللىشىپلا قالماي، ئىچكى ئەزالارمۇ ۋاقتىدا تەڭشىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەي، يۈرەك كېسىلىگە گېرىپتار بولۇش خەتىرى كۈچىيىدۇ.

قېنىپ ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدىغان يەتتە تەدبىر

1. ئۇخلاش ۋە تۇرۇش ۋاقتىنىڭ مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ياخشى ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، بۇنداق ئادىتى بار كىشىلەر بۇ خىل ئادىتىنى دەم ئېلىش كۈنلىرىدىمۇ ئۆزگەرتمەيدۇ.

2. ئۇخلاش مۇھىتىنىڭ تىنچ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپلا قالماي، قاراڭغۇ بولۇشىغىمۇ دىققەت قىلماي بولمايدۇ.

3. ياتاق ئۆي بەك ئىسسىق بولۇپ كەتسە، ئادەمنىڭ ئۇيقۇسى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

4. كۈندۈزى چۈشلۈك ئۇيقۇنىڭ ئۇزاق بولۇپ كېتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك، چۈشلۈك ئۇيقۇ 15 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە بولسا ئەڭ مۇۋاپىق، چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 تىن كېيىن ئۇخلاش ياخشى ئىش ئەمەس.


5. ئادەتتىكى ئادەملەر چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 تىن كېيىن، ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى بارلار چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنلا قەھۋە ياكى كوففىئىن تەركىبى بار ئىچىملىك ئىچمەسلىكى كېرەك.

6. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ھاراق ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، قاتتىق ھەرىكەت قىلماسلىق كېرەك، ئامال بار ئۆزىنى بىرەر سائەت قويۇۋەتسە، قېنىپ ئوخلاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

7. ئازاب، ئىچ پۇشۇقى دېگەندەك ناچار كەيپىيات بىلەن ياتماسلىق كېرەك. ناۋادا كەچتە ئۇخلىيالماي قالسا، دەرھال ھۇجرىدىن چىقىپ كىتاب ئوقۇسا ياكى ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلىپ، ئۇيقۇسى كەلگەندىن كېيىن ياتسا ئاز ئۇخلىسىمۇ، ساز ئۇخلاش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى.



مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • دىيابېت كېسىلىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بەك تۇزلۇق تاماق يېمەڭ

  • سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش خاراكتېرلىك سۆسۈن داغ كېسەللىكنىڭ سەۋەبى نېمە ؟

  • ئاياللارنىڭ ھەرىكەت قىلىشىدىكى «ئالتۇن مۇنار»

  • ھوشيار بولۇشقا تېگىشلىك كېسەللىك سىگناللىرى

  • بالا ئېمىتىۋاتقان ئانىلار قىزىپ قالسا...

  • ئەرلەرگە ئەڭ پايدىلىق 6 خىل يېمەكلىك

ساغلاملىق 保健 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ئۆپكىنىڭمۇ قان ئىشلەش ئىقتىدارى بار

  • ياغلىق يېمەكلىكنى كۆپ يەيدىغانلار ئاسانلا ھۇرۇنلىشىپ كېتىدۇ

  • كۈچەپ كېرىلىش جىگەرگە پايدىلىق

  • قورساق ئاچمىسىمۇ غىزالانغاندا قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىدۇ

  • AIDS ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • شاھرۇھ خاننىڭ يېڭى كىنوسى ھىندىستاندا ياخشى ن ..
      • بوللىۋودتىكى بەختلىك بىر جۈپلەردىن قايسىسىنى ..
      • بوللىۋود چولپانلىرى ياقتۇرىدىغان ماشىنا تاخت ..
      • ئوتتۇرا شەرق خان جەمەتىدىكى 9 چوڭ ساھىبجامال
      • ئانۇشكا شېتتى بىلەن پراباس يېڭى فىلىمدا ھەمكا ..
      • ھوللىۋود فىلىمىدىمۇ رول ئېلىپ باققان لى بىڭبى ..
      • كاترىنا كەيف ئاشۋارىيانى«تۈلكە» دەپ ئاتىدى
      • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسىملىرى
      • تاماشا ساھەسىدىكى چولپانلارنىڭ ھەيران قالارل ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ