Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / ساغلاملىق 保健

پۇت–قوللارنىڭ ئۇيۇشۇشى كېسەللىكنىڭ بېشارىتىمۇ؟
يوللانغان ۋاقتى:2017-07-01 10:42 مەنبەسى: nur.cn
يانفوندا كۆرۇش

پۇت – قوللارنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان ئىش، پۇت – قوللارنىڭ ئانچە – مۇنچە ئۇيۇشۇپ قېلىشى ياكى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قويۇپ بېرىشى نورمال ئىش، ئەمما ئۇيۇشۇپ قېلىشنىڭ ئۇزاققىچە قويۇپ بەرمەسلىكى سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس، بۇ تۆۋەندىكى كېسەللىكلەرنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن:
   1. بىر تەرەپتىكى قول ۋە بارماقلارنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى بويۇن ئومۇرتقا كېسەللىكلىرىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇ خىل ئۇيۇشۇش ئاستا خاراكتېرلىك بولۇپ كۆپ قوزغىلىدۇ، بۇنىڭغا بويۇن ۋە بەل تېلىپ ئاغرىش، قېتىۋېلىش ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كېلىدۇ.
   2. پۇت – قوللارنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى بەل ئومۇرتقىسى كېسەللىكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان ئالامىتى پۇت – قوللار تارقاق ئۇيۇشىدۇ، بۇ خىل ئەھۋالنى بەل ئومۇرتقا كېسەللىكى ۋە بەل ئومۇرتقا تەخسىسى پولتىيىپ چىقىش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا قىلىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھەرىكەتلىنىش قولايسىز بولۇش ھەتتا چوڭ – كىچىك تەرەت توسۇلۇپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
   3. قول بارماقلىرى ئۇيۇشۇپ كۈچسىزلىنىش بېغىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. بېغىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى دېگىنىمىز، سۆڭەك سۇنۇش، سۆڭەك بوغۇملىرى چىقىپ كېتىش، قايرىلىپ كېتىش ياكى زورۇقۇپ قېلىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن پەيدا بولغان بېغىش پەيلىرى قېلىنلاپ قېلىش، پەي ياللۇغى ياكى بېغىش سۆڭىكىنىڭ چېكىنىپ ئۆسۈپ قېلىشى، تومۇر ئىچكى دىۋارى تارىيىش سەۋەبىدىن نېرۋىلار بېسىلىپ، پۇت – قوللارنىڭ ئۇيۇشۇپ كۈچسىزلىنىپ قېلىش كېسەللىكىنى كۆرسىتىدۇ.
   4. بىر تەرەپ پۇت – قولنىڭ ئۇيۇشۇپ قېلىشى مېڭە توسۇلۇشنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئادەمنىڭ بىر تەرىپىدىكى پۇت – قول ئۇيۇشۇپ يەنە بىر تەرىپىدىكى پۇت – قول نورمال بولسا، مېڭە توسۇلۇشنىڭ ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. مېڭە توسۇلۇشتىن پەيدا بولغان پۇت – قولنىڭ ئۇيۇشۇشى ئادەتتە جىددىي خاراكتېرلىك بولۇش بىلەن بىللە، گەپ – سۆز توسالغۇغا ئۇچراش ۋە يېرىم بەدەننىڭ ھەرىكىتى توسالغۇغا ئۇچراش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغان بولغاچقا، جىددىي داۋالىتىشقا توغرا كېلىدۇ.
5. سىممېتىرىك ئۇيۇشۇش قەنت كېسىلىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. قەنت كېسىلىدىن پەيدا بولغان ئەتراپ نېرۋىلارنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىدە، پۇتنىڭ سىممېتىرىك ئاغرىشى ۋە بىئارام بولۇشى قولغا قارىغاندا كۆپ ئۇچرايدۇ. دائىم ئۇيۇشۇش، چۈمۈلە ماڭغاندەك بولۇش، قۇرت ئۆمىلىگەندەك بولۇش، قىزىش ۋە توك سوققاندەك بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بىئارام بولۇش پۇت بارماقلىرىدىن باشلىنىپ تىزغا چىقىدۇ، ئاغرىقتا پايپاق ۋە پەلەي كىيىۋالغاندەك تۇيغۇ بولىدۇ.
   6.  ئۇيۇشۇپ ئاغرىش ئۆسمىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ياشانغانلاردىكى پۇت – قوللارنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئاستا خاراكتېرلىك ئۇيۇشۇپ قويۇپ بەرمەسلىكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن. ئۆسمىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە پۇت – قوللار ئۇيۇشۇش، كۈچسىزلىنىش ۋە يول مېڭىشى مۇقىم بولماسلىق قاتارلىق نېرۋا ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ. شۇڭا يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە چوقۇم ئەتراپلىق تەكشۈرتۈش، ۋاقتىدا داۋالىتىش كېرەك.



مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • سىزنىڭ يېشىڭىز قانچە سائەت ئۇخلاشقا ماس كېلىدۇ؟

  • باناننىڭ كۆز ئاسراشتىكى رولى

  • ئۇيقۇسى ئېغىرلارغا شىپا رېتسېپلار

  • قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرى قىش پەسلىدە دىققەت قىلىدىغان بەش نۇقتا

  • كۆز ئەتراپى قارىداپ قېلىشنىڭ بېشارىتى

  • ئاياللاردىكى سەككىز خىل ساغلام بولمىغان بەدەن بېشارەتلىرى

ساغلاملىق 保健 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ئۆپكىنىڭمۇ قان ئىشلەش ئىقتىدارى بار

  • ياغلىق يېمەكلىكنى كۆپ يەيدىغانلار ئاسانلا ھۇرۇنلىشىپ كېتىدۇ

  • كۈچەپ كېرىلىش جىگەرگە پايدىلىق

  • قورساق ئاچمىسىمۇ غىزالانغاندا قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىدۇ

  • AIDS ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • شاھرۇھ خاننىڭ يېڭى كىنوسى ھىندىستاندا ياخشى ن ..
      • بوللىۋودتىكى بەختلىك بىر جۈپلەردىن قايسىسىنى ..
      • بوللىۋود چولپانلىرى ياقتۇرىدىغان ماشىنا تاخت ..
      • ئوتتۇرا شەرق خان جەمەتىدىكى 9 چوڭ ساھىبجامال
      • ئانۇشكا شېتتى بىلەن پراباس يېڭى فىلىمدا ھەمكا ..
      • ھوللىۋود فىلىمىدىمۇ رول ئېلىپ باققان لى بىڭبى ..
      • كاترىنا كەيف ئاشۋارىيانى«تۈلكە» دەپ ئاتىدى
      • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسىملىرى
      • تاماشا ساھەسىدىكى چولپانلارنىڭ ھەيران قالارل ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ