Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / ساغلاملىق 保健

مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئىشلەتكەندە...
يوللانغان ۋاقتى:2017-07-01 10:41 مەنبەسى: nur.cn
يانفوندا كۆرۇش

مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئىشلىتىش مۇۋاپىق بولمىسا، يېمەكلىكلەرنى پىششىقلاش جەريانىدا بەزى كۈتۈلمىگەن خېيىم–خەتەرلەر يۈز بېرىشى، ھەتتا يېمەكلىكلەردە راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلار پەيدا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى ئىشلەتكەندە تۆۋەندىكىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك:
1. ئورالما يېمەكلىكلەرنى سۇلياۋ قاچىسى بىلەنلا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ قىزدۇرۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى قىزدۇرۇش جەريانىدا سۇلياۋ قاچىلار زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ، بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى ئۇزاق مۇددەت ئىستېمال قىلسا راك پەيدا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، مېتال قاچىلارنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ قىزدۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەڭ ياخشىسى يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنىڭ مەخسۇس قاچىسىدا قىزدۇرۇش ھەم قىزدۇرۇش جەريانىدا قاچىنىڭ ئاغزىنى بەك ھىم يېپىۋەتمەسلىك كېرەك.
2. كىشىلەر بەزىدە يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ ئېرىتكەندە ياكى قىزدۇرغاندا، ئۇنتۇپ قېلىپ بىرنەچچە سائەت تۇرغۇزۇپ قويىدۇ. ئەگەر ئۇنتۇپ قالغان ۋاقىت ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتسە، بۇ يېمەكلىكنى تاشلىۋېتىش كېرەك، بولمىسا يېمەكلىكتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. گۆش تۈرىدىكى يېرىم پىششىق يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىپ پىشۇرغاندا، تولۇق پىشۇرۇش ۋاقتىنى قىسقارتقىلى بولىدۇ، ئەمما يېمەكلىكلەر يېرىم پىششىق ھالەتتە باكتېرىيەلەر داۋاملىق كۆپىيىۋېرىدىغان بولغاچقا، قايتا پىشۇرۇش ۋاقتى بەك قىسقا بولۇپ قالسا، باكتېرىيەنى تولۇق يوقاتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى ئاۋۋال مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا ئېرىتىش، ئاندىن قىزدۇرۇپ پىشۇرۇش كېرەك.
4. ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقتا قىزدۇرۇشقا بولمايدۇ، يۇقىرى تېمپېراتۇرا ياغلارنى پارلاندۇرۇپ ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا ئوت كەتسە، ھەرگىز ئاغزىنى ئاچماسلىق، چوقۇم ئالدى بىلەن توك مەنبەسىنى ئۈزۈۋېتىش، ئوت ئۆچكەندىن كېيىن ئاغزىنى ئېچىش كېرەك. پوستى بار يېمەكلىكلەرنى پىشۇرغاندا پارتلاشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن پوستىنى تېشىپ قويۇش كېرەك.
5. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق رادىياتسىيە پەيدا قىلىدىغان بولغاچقا، ئەڭ ياخشىسى ياتاق ئۆيگە قويماسلىق، تېلېۋىزور ۋە رادىيولاردىن يىراقراق قويۇش كېرەك، بولمىسا تېلېۋىزور ۋە رادىيولارنىڭ سۈرەت ياكى ئاۋاز ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى شامال ئۆتۈشىدىغان جايغا قويۇش، ئاغزىنى ئاچقاندا ئۇنىڭدىن بىرەر مېتىر ئارىلىق ساقلاش، كۆز بىلەن بىۋاسىتە قارىماسلىق كېرەك. بولمىسا باش قېيىش، كۆز تورلىشىش، ماغدۇرسىزلىنىش، چاچ چۈشۈش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىدۇ.



مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • ئۆز-ئۆزىنى كۈتۈشكە ماھىر بولۇش- ياشانغانلار ساغلاملىقنىڭ ئاچقۇچى

  • ياز ئايلىرىدا بوۋاق بېقىش ساۋاتلىرى

  • يېشىل كۆكتاتلارنى يېگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك

  • ياشانغانلار يېمەك-ئىچمەكتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

  • جىنسىي يول ھالقىسى ئارقىلىقمۇ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ

  • تېمىتما دورىلارنى ئىشلەتكەندە ئۇسۇلغا دىققەت قىلىڭ

ساغلاملىق 保健 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ئۆپكىنىڭمۇ قان ئىشلەش ئىقتىدارى بار

  • ياغلىق يېمەكلىكنى كۆپ يەيدىغانلار ئاسانلا ھۇرۇنلىشىپ كېتىدۇ

  • كۈچەپ كېرىلىش جىگەرگە پايدىلىق

  • قورساق ئاچمىسىمۇ غىزالانغاندا قان شېكىرى ئۆرلەپ كېتىدۇ

  • AIDS ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاق

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • شاھرۇھ خاننىڭ يېڭى كىنوسى ھىندىستاندا ياخشى ن ..
      • بوللىۋودتىكى بەختلىك بىر جۈپلەردىن قايسىسىنى ..
      • بوللىۋود چولپانلىرى ياقتۇرىدىغان ماشىنا تاخت ..
      • ئوتتۇرا شەرق خان جەمەتىدىكى 9 چوڭ ساھىبجامال
      • ئانۇشكا شېتتى بىلەن پراباس يېڭى فىلىمدا ھەمكا ..
      • ھوللىۋود فىلىمىدىمۇ رول ئېلىپ باققان لى بىڭبى ..
      • كاترىنا كەيف ئاشۋارىيانى«تۈلكە» دەپ ئاتىدى
      • بوللىۋود چولپانلىرىنىڭ ئەركىلەتمە ئىسىملىرى
      • تاماشا ساھەسىدىكى چولپانلارنىڭ ھەيران قالارل ..

ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن

  • جان دادام

    2017-09-17
  • ئانار پىشتىنىڭ ئەڭ ..

    2017-09-15
  • گۈلچىمەن

    2017-09-10
  • ياسىن ئەسكى 20170831

    2017-09-17
  • ياسىن ئەسكى 20170615

    2017-09-17
  • نەبى پالۋان 20170217

    2017-09-17
  •   بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

        بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

        ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

        بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

        پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

        ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

        توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

        powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
        X
        ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ