Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

ھوللىۋود فىلىمىدىمۇ رول ئېلىپ باققان لى بىڭبىڭ نېمىشقا فەن بىڭبىڭدەك داڭلىنالمىدى؟
يوللانغان ۋاقتى:2017-07-01 10:33 مەنبەسى: nur.cn
يانفوندا كۆرۇش

نام چىقىرىش يولى: لى بىڭبىڭ كەسپىي جەھەتتە رەسمىي تەلىم ئالغان، 2000-يىلى «ئۆسمۈر باۋ چىڭتيەن» تېلېۋىزىيە تىياتىرى بىلەن تونۇلغان، شۇ يىلى يەنە «زېرەك شىياۋبۇدوڭ» تىياتىرىدا رول ئالغان، گەرچە بىر نەچچە يىل تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغان بولسىمۇ 2-3-لىنىيىلىك چولپان بولۇپ كەلگەن.

تەرەققىيات يۆنىلىشى: لى بىڭبىڭ خىزمەتنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، چوڭ ئېكرانغا قاراپ تەرەققىي قىلغان، 2008-يىلى «گۇمپا شاھى»، 2010-يىلى «قار گۈلى سىرلىق يەلپۈگۈچى»، 2013-يىلى «بىئو-خېمىيە كىرزىسى5»، 2014-يىلى «ئۆزگىرىشچان ۋاجرا4» غا قوشۇلۇپ، تېخى قويۇلمىغان «بىئو-خېمىيە كىرزىسى6» دىكى رولى ئارقىلىق ھوللىۋودقا يۈرۈش قىلىش سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەكسىچە فەن بىڭبىڭ دۆلەت ئىچى فىلىملىرىدە تەرەققىي قىلىشنى تاللىدى، 2013-يىلى «بىر كېچىدىكى تۇيۇقسىز خوشاللىق» فىلىمى بىلەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، فىلىملىرىدىكى رولى دائىم مۇنازىرە قىلىنىدۇ، ئۇ توغرىلىق مۇنازىرىلەر ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ باقمىدى.

ماركا ۋاكالەتچىلىكى: 2013-يىلى لى بىڭبىڭ ئاسىيا بويىچە تاللىنىپ خەلقئارالىق ماركىنىڭ ئوبراز ۋاكالەتچىسى بولدى، كىيىم-كېچەك، قول سائىتى، ئۈنچە-مەرۋايىت، كۆزەينەك، سومكا قاتارلىق نۇرغۇن مەھسۇلاتلارغا ۋاكالەتچى بولدى، Gucci ماركىسىنىڭ دۇنياۋىي دەرىجىلىك ئوبراز ۋەكىلى بولدى. فەن بىڭبىڭ LV نىڭ خەلقئارالىق ۋاكالەتچىلىرىنىڭ بىرى، Alma نىڭ ئوبراز ئەلچىسى، L’ORÉAL ماركىلىق گىرىم بۇيۇملىرىنىڭ ئوبراز ۋەكىلى.

خاراكتېر ئالاھىدىلىك: خۇايى (چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش گۇرۇھى-ت) نىڭ باش لېدىرى ئىلگىرى بۇ ئىككەيلەننى سېلىشتۇرغان، «خاراكتېر تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ.» غوجايىننىڭ كۆزىدە ئىككەيلەن ئوخشاشلا تەنناز، ئېسىلزادە، قابىل ئاياللار، خاراكتېر جەھەتتە لى بىڭبىڭ تۆۋەن ماقامنى خالايدۇ، ئىچ مىجەز، فەن بىڭبىڭ تەشەببۇسكار، ئاكتىپ. لى خانقىز دائىم خەتەرلىك ھەرىكەتلەر بىلەن كىنولىرىغا چېپىپ يۈرگەندە، فەن خانقىز ئازراق كىنو ئىشلەپ، جېنىنى بوشراق قىيناپ يۈرىدۇ.

مۇھەببەت قارىشى: لى بىڭبىڭ مۇھەببەت قارىشىدا ناھايىتى ئېھتىياتچان، سەمىمىي مۇھەببەتنى قوغلىشىدۇ، ساختا نەرسە ۋە ئادەملەرنى رەت قىلىدۇ، ئۆزى تەشەببۇسكارلىق بىلەن باشقىلارنى قوغلاشمايدۇ، ئەركىن-ئازادە ياشىمايدۇ. سېلىشتۇرغاندا فەن بىڭبىڭ ئوچۇق-يورۇق، شۇڭا ئۇنىڭ مەلۇم بىر چولپان بىلەن بولغان غەيۋەتلىرى تارىلىپ كېتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ ۋاڭ شۆبىڭدىن باشقا مۇھەببەت تارىخىدا يا پۇلدار بايۋەتچە يا بىرەر مىلياردىر دېگەنلەر بولۇپ باقمىغان، ئۇ ئىلگىرى ئۆزىنىڭ مۇھەببەت قارىشىنى ئېيتىپ ئۆتكەندە: «قەلبى ساددا، ئىچى بىلەن سىرتى بىردەك بولغان مۇھەببەتكە ئىنتىلىدىغانلىقى» نى ئېيتىپ ئۆتكەن، يەنە ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا: «ماڭا زەردارنىڭ كېرىكى يوق، مەن ئۆزۈم زەردارمەن» دېگەن.

باشقا تەرەپلىرى: لى بىڭبىڭ رول ئېلىشقا تېخىمۇ مەركەزلەشكەن بىر ئارتىسقا ئوخشىسا، فەن بىڭبىڭ مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا تېخىمۇ بەكرەك بىر چولپانغا ئوخشايدۇ، رول ئېلىشتىن باشقا تاماشا ساھەسىدە ئۇنىڭ خەۋەرلىرى ئەزەلدىن ئۈزۈلۈپ باقمايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى يۇقىرى، تاماشا ساھەسىدە شۇنچە يىل كۈرەش قىلغان فەن بىڭبىڭ ھازىر لىن شىنرۇنىڭ كەينىدە تۇرۇپ «خانقىز» دەپ چاقىرىدىغان چاكار قىز ئەمەس، ئۇنىڭ ھازىر لاتاپىتى چەكسىز سېھرىي كۈچكە ئىگە. بىر ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ كۆرۈرمەنلەرگە سۇنغان ئەسەرلىرى كۆپ بولمىسىمۇ، بىر چولپان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ كەسپىنى سۆيىدىغان لاياقەتلىك ھېسابلىنىدۇ.



مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • ئەنجىلىنا جۇلىنىڭ 2-سابىق يولدىشى بىلەن ئالاقىلىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

  • مايكول جېكسون بىلەن ئوپچە سۈرەتكە چۈشكەن 6 ئامېرىكا زۇڭتۇڭى

  • كورېيە ئېكران يۈزىدىكى «قوش سۇڭ» مەلۇم بىر پائالىيەتكە قاتناشتى

  • «ئارچانانىڭ يولدىشى ماناۋ» قىز دوستى بىلەن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزدى

  • دىلرابانىڭ كەسپىي ئەخلاقى ۋە كىشىلىك پەزىلىتى قانداق؟

  • جاڭ زىيىنىڭ 2016-يىلدىكى زور ئۇتۇقلىرى

چولپانلار 明星 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ياش تالانتلىق رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر

  • ئۆزبېكىستانلىق سەنئەتكار- مەنزۇرە بىلەن تونۇشۇڭ

  • ھىندىستاندىكى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ گۈزەل ئايال چولپانلار

  • ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى - زىيادە قابىلوۋا

  • چەتئەل تور بېتى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 16 ئۇسسۇلچى

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • پرىيانكا چوپرا ئىككى فىلىمدە ئالەم ئۇچقۇچىسىن ..
      • جەكۋىلىن فېرناندىزنىڭ Vogue ژۇرنىلىغا بېسىلغان  ..
      • شۇنداق بىر دوستلۇق بار: ئەگەر سىز ياتلىق بولال ..
      • zee كىنو بايرىمىدىكى شاھرۇھ خان بىلەن پىرىيانكا ..
      • ۋوللىۋود چولپانلىرى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا ئاتا ..
      • چولپانلار رەسىمگە چۈشكەندە ۋە ماھارەت ئورۇندى ..
      • مەكتەپ گۈزىلى بىلەن توي قىلغان 5 چولپان
      • قايسى ئايال چولپاننىڭ گىرىم قىلغان ۋە قىلمىغا ..
      • لى ليەنجيې ئائىلىسىدىن ۋاز كېچىپ بىللە بولغان ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ