Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

چىشىنى تۈزلەتكەن ئايال چولپانلارنىڭ سېلىشتۇرمىسى
يوللانغان ۋاقتى:2017-05-11 09:05 مەنبەسى: nur.cn
يانفوندا كۆرۇش

چولپانلارنىڭ چىرايى نۇقسانسىز بولۇشى ئومۇملاشقان بىر ئەھۋال، كۈلگەندە رەتلىك سەككىز چىشى كۆرۈنۈپ تۇرغاندا، كۈلگەندە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تېخىمۇ ئاشىدۇ، ئەلۋەتتە ئاپئاق، رەتلىك چىش بولغاندا ئاندىن خاتىرجەم كۈلگىلى بولىدۇ. ئىگىلىنىشىچە، سۈرەتكە ئېلىنىش ئۈنۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن، بەزى چولپانلار فار-فۇر چىشنى تاللايدىكەن. فار-فۇر چىش يالغان چىش ھېسابلانمايدۇ. دوختۇر سىزنىڭ ئەسلىدىكى چىشىڭىزنى تۈزلەپ، ئۈستىگە بىر قەۋەت فار-فۇر چىش قەۋىتى چاپلايدۇ، ئاندىن خۇددى چىش پاستىسىنىڭ ئېلانىدىكىگە ئوخشاش ئاپئاق چىشىڭىز بولغان بولىدۇ.

ياڭ مى

 تاماشا چەمبىرىكىدە نۇرغۇن ئايال چولپانلار مەردانىلىك بىلەن چىشىنى تۈزلەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

 ياڭ مىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، ئۇ تۆت تال چىشىنى تارتقۇزۇۋېتىپ چىشىنى تۈزلەتكەن. دەسلەپكى ئەسەرلىرىدە ياڭ مىنىڭ چىشلىرىنىڭ رەتلىك ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، چىشىنى تۈزلەتكەندىن كېيىن چىرايلىقلىشىپ كەتكەن، كۈلگەندە ھېچقانداق بېسىم ھېس قىلمايدىغان بولغان.

لىن شىنرۇ

لىن شىنرۇ چىشى سەۋەبلىك كۈلگەندە «ئوماق» كۆرۈنەتتى. لېكىن «ئوماق ئوبراز» دىلا چەكلىنىپ قېلىپ، تاماشا ساھەسىدە تازا تەرەققىي قىلالمىغان. كېيىن ۋاستىچىسىنىڭ كۆرسەتمە بېرىشى بىلەن چىشىنى تۈزلەتكەن.

چىشىنى تۈزلەتكەندىن كېيىن ئۇ تېز ئىلگىرىلىگەن ھەم تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن.

جاڭ جيانى

جاڭ جيانىنىڭ قوزۇق چىشى ئىلگىرى سەل تېشىغا چىقىپ تۇراتتى، ۋاقىت ئۇزارغانچە ساغىرىشقا باشلىغان. ھازىر چىشى رەتلىك ھەم ئاپئاق، ئۆزىمۇ چىرايلىق بولۇپ قالغان.

جاڭ مەنيۈ

جاڭ مەنيۈ توشقان چىش شياڭگاڭ خانقىزى، 1987-يىلىدىكى رەسىمىگە قارايدىغان بولساق، سەبىي، ئوماق كۆرۈنىدۇ. چىشىنىڭ ئەھۋالى تازا ئېنىق كۆرۈنمىسىمۇ لېكىن رەتلىك ئەمەسلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ، ئىككى توشقان چىشى ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىدۇ.

تۈزلەتكەندىن كېيىن رەتلىك بولۇپ قالغان، كۈلكىسى تېخىمۇ تاتلىق كۆرۈنگەن.

جاۋ ۋېي

شىياۋيەنزى ۋاقتىدىكى جاۋ ۋېينىڭ چىشى بەكمۇ سېرىق، ئىككى ئۇدۇل چىشى تەڭ ئەمەس، رەتسىز ئىدى.

ھازىر بولسا ئاپئاق چىشلىق بولۇپ، باشقىچە كۆرۈنىدۇ. بەكلا ئاقمۇ قانداق؟

ليۇ تاۋ

ليۇ تاۋ چىشىنى ئوڭشاتقاندا ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى ئارقىلىق تورداشلارنى ئاغرىق ئازابى بەك ئېغىر بولغاچقا، ئالدىراپ چىشىنى ئوڭشاتماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان.

گەرچە جەريان ناھايىتى ئازابلىق بولسىمۇ لېكىن ئۈنۈمى ھەقىقەتەن كۆرۈنەرلىك بولغان.

چولپانلار گۈزەللىكى ئۈچۈن، كەسپى ئۈچۈن نۇرغۇن قۇربانلىقلارنى بېرىدۇ، ھەممە ئادەم كۈلۈشنى ياخشى كۆرىدىغان قىزلارنىڭ تەقدىرى ناچار بولمايدۇ دېيىشىدۇ، كۈلگەندە بېسىم ھېس قىلمىسا، چەكلىمىگە ئۇچرىمىسا ياخشى ئەمەسمۇ؟



مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • جاڭ يىشەن چېڭلوڭ بىلەن چۈشكەن ئوپچە سۈرىتىنى ئاشكارىلىدى

  • zee كىنو بايرىمىدىكى شاھرۇھ خان بىلەن پىرىيانكا چوپرانىڭ قىزىقارلىق ئويۇنلىرى

  • ليۇ يىفېينىڭ ئەڭ يېڭى ژۇرنال مۇقاۋا سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

  • بوللىۋود ئەر چولپانلىرىنىڭ بوي ئېگىزلىكى

  • لى يىفېڭنىڭ خۇسۇسىي تۇرالغۇسى ئاشكارىلاندى

  • پىرىيانكا چوپرانىڭ سابىق ئوغۇل دوستى «شاھرۇھ خان»مۇ؟

  • «جەزىبىدار ئانا» لىن شىنرۇنىڭ پائالىيەتكە قاتنىشىش قېتىم سانى كۆپىيىپ قالدى

  • ياش پەرقى 10 ياشتىن چوڭ بوللىۋود بىر جۈپلىرى

چولپانلار 明星 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ياش تالانتلىق رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر

  • ئۆزبېكىستانلىق سەنئەتكار- مەنزۇرە بىلەن تونۇشۇڭ

  • ھىندىستاندىكى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ گۈزەل ئايال چولپانلار

  • ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى - زىيادە قابىلوۋا

  • چەتئەل تور بېتى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 16 ئۇسسۇلچى

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • چەتئەل ژۇرنىلىغا چىققان فەن بىڭبىڭنى كىشىلەر  ..
      • جۇڭگو تاماشا ساھەسىدە شىنجاڭلىق ئەر چولپانلار ..
      • كورېيە ئۈچ ساھە سەنئەتكارلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يى ..
      • تاماشا چەمبىرىكىدىكى مەڭگۈ ئاجراشمايدىغان ئا ..
      • پرىيانكا چوپرا ئىككى فىلىمدە ئالەم ئۇچقۇچىسىن ..
      • جەكۋىلىن فېرناندىزنىڭ Vogue ژۇرنىلىغا بېسىلغان  ..
      • شۇنداق بىر دوستلۇق بار: ئەگەر سىز ياتلىق بولال ..
      • zee كىنو بايرىمىدىكى شاھرۇھ خان بىلەن پىرىيانكا ..
      • ۋوللىۋود چولپانلىرى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا ئاتا ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ