|بوللىۋودتىكى 2016-يىللىق ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى كىم؟|يادىكار38 سەنئەت تورى|,基金,医院,护照,黄金,基金开户,基金净值查询,赴美产子,留学,到美国生,3+2留学,投资移民,外贸投资,海外投资,
Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

بوللىۋودتىكى 2016-يىللىق ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى كىم؟
يوللانغان ۋاقتى:2016-12-08 01:10 مەنبەسى: nur.cn
يانفوندا كۆرۇش


بوللىۋودتىكى 2016-يىللىق ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى كىم؟

بوللىۋود خەۋەرلىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2016-يىلىغا خاتىمە بېرىش ئالدىدا تۇرۇپتىمىز، بۇ بىر يىلدا بوللىۋودنىڭ داڭلىق ئارتىسلىرى ئىشلىگەن يېڭى كىنولىرى خېلى كۆپ بولدى، ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقلىرى بەدىلىگە بېلەت كىرىمى ۋە قوللاش نىسبىتى جەھەتتە ئالاھىدە يۇقىرى نەتىجە ياراتتى. قېنى يىللىق مۇكاپات تارقىتىشتىن بۇرۇن ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ئەر باش رولچىلارغا بېلەت تاشلاپ بېقىڭ! 

سالمان خان - Sultan

سالمان خان بۇ يىلدىكى ئەڭ ھاياجانلىق بىر فىلىمىنى بارلىققا كەلتۈردى. سۇلتان فىلىمى روزا ھېيت ھارپىسىدا ئېلان قىلىنىپلا، بىر كۈن ئىچىدە 33 تۈرلۈك رېكورت ياراتتى. شۇنداق، سۇلتان سالمان خاننىڭ ئەڭ تەستە ئىشلەپچىقارغان كىنوسى ھېسابلىنىدۇ. بۇ فىلىمگە كەتكەن زور مەبلەغ ۋە كۈچ سالمان خاننىڭ ئەڭ يۇقىرى نەتىجىگە ئېرىشىشىگە ھەقلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. 

شاھرۇھ خان - Dear Zindagi

شاھرۇھ خاننىڭ «Dear Zindagi» ناملىق فىلىمىدە يېتىلىۋاتقان ياش چولپان ئالىيە بات ئايال باش رولچى بولغان. شاھرۇھ خاننىڭ بۇ فىلىمدە ياراتقان خاراكتېرى ھەربىر تاماشىبىننىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. شاھرۇھ خان بوللىۋودتىكى رومانتىكا شاھى بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇھەببەت كىنولىرىدا ئەلۋەتتە بىرىنچىلىكنى قولدىن بەرگەن ئەمەس. 

ئاكشاي كۇمار - Airlift, Rustom

ئاكشاي كۇمارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك باش تېما قىلىنغان فىلىمىدا ھەربىر ھىندىستانلىقنىڭ قەلبىدىكىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. مەزكۇر فىلىملەرنىڭ بېلەت كىرىمىمۇ يۇقىرى نەتىجە يارىتىشىدا گەپ يوق. ئاكشاي كۇمار باش رول ئالغان كىنولىرىدا ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىچكى دۇنياسىنى رولغا سىڭدۈرۈپ نەق مەيداندا ئۇستىلىق بىلەن بىرلەشتۈرەلەيدۇ. 

شاھىد كاپور- Udta Punjab

شاھىد كاپورنىڭ «Udta Punjab» ناملىق فىلىمى بۇ بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ «قارا» كىنو ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇنى «ئىدىيەنى ئويغاتقۇچى» دەپ قاراشقا تامامەن بولىدۇ. شاھىد كاپور بۇ فىلىمدە زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغان ناخشىچىنىڭ رولىنى ئالىدۇ. ھەقىقەتەن، ئۇنىڭ سۆز ھەرىكىتى، خاراكتېرى، يۇمۇرستىكلىقى رولغا سىڭىشىپ كەتكەن. ئۇنىڭ ھاجەتخانىدا يېتىۋېلىپ قىلغان مونولوگلىرى كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. 

ئامىتاب باچچان- Pink

ئامىتاب باچچان بوللىۋودتىكى پېشقەدەم كىنو ئارتىسى، داڭلىق چولپان بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئالغان ھەربىر رولىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندايدۇ. بۇ يىلقى «Pink» فىلىمدە ئۇ ئادۋوكاتنىڭ رولىنى ئالىدۇ. ئۇ بۇ فىلىمدىكى رولى بىلەن 2016-يىللىق «ئېكران يۇلتۇزى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

سۇشانت سىڭ راجپۇت- M.S. Dhoni: The Untold Story

سۇشانت سىڭ راجپۇت بۇ يىل شىنجاڭ تېلېۋىزىيە قانىلىدا قويۇلغان ھىندىستان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئارچانانىڭ تويى»دا ماناۋ رولىنى ئېلىپ كۆپىنچىمىزگە تونۇشلۇق بولۇپ كەتتى. ئالدىنقى يىلى ئامىر خان ئىشلىگەن «PK» فىلىمىدە پاكىستانلىق سەرفاراز يۈسۈفنىڭ رولىنى ئالغان.

بۇ بىر يىلدا ئۇنىڭ بوللىۋودتىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، «M.S. Dhoni: The Untold Story» فىلىمىدا ئۇ پالاق توپ تەنھەرىكەتچىسى رولىنى ئالىدۇ. يەنى فىلىمدىكى مۇھەببەتلىك رومانتىكىلىققا تولغان كۆرۈنۈشلەرمۇ ئۇنىڭ رول ئېلىشتىكى يۇقىرى ماھارىتىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.




مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • تاماشا سەھنىسىدىكى داڭلىق «3-شەخس»لەر

  • «پۇرچاق ئەپەندى» بىلەن گو دېگاڭ يېڭى كىنوسىنىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمىغا قاتناشتى

  • كورېيەدىكى ھەم كېلىشكەن ھەم ئەمەلىي كۈچلۈك ئەر ئارتىسلار

  • ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئەزالىرىنى تەقدىم قىلىشقا ۋەدە قىلغان بوللىۋود چولپانلىرى

  • دۇنيا جېننىس رېكورتى ياراتقان چولپانلار

  • مايكول جېكسوننىڭ ئىككى خوتۇنى ۋە بالىلىرى بىلەن چۈشكەن سۈرىتى

  • ئۇلۇغبېك رەھمىتۇللايېۋنىڭ ئايالى ئۇنى كىمدىن كۈنلەيدۇ؟

  • مۇھەببەتنى دەپ تاماشا ساھەسىدىن چېكىنگەن 5 چولپان

چولپانلار 明星 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ھىندىستاندىكى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ گۈزەل ئايال چولپانلار

  • ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى - زىيادە قابىلوۋا

  • چەتئەل تور بېتى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 16 ئۇسسۇلچى

  • ھىندىستاننىڭ داڭلىق چولپانلىرى قايسى مىللەتتىن؟

  • رىياسەتچى ھىدايەتقىز شەمشىدىننىڭ تەرجىمىھالى ۋە سۈرەتلىرى

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • چەتئەل ژۇرنىلىغا چىققان فەن بىڭبىڭنى كىشىلەر  ..
      • جۇڭگو تاماشا ساھەسىدە شىنجاڭلىق ئەر چولپانلار ..
      • كورېيە ئۈچ ساھە سەنئەتكارلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يى ..
      • تاماشا چەمبىرىكىدىكى مەڭگۈ ئاجراشمايدىغان ئا ..
      • پرىيانكا چوپرا ئىككى فىلىمدە ئالەم ئۇچقۇچىسىن ..
      • جەكۋىلىن فېرناندىزنىڭ Vogue ژۇرنىلىغا بېسىلغان  ..
      • شۇنداق بىر دوستلۇق بار: ئەگەر سىز ياتلىق بولال ..
      • zee كىنو بايرىمىدىكى شاھرۇھ خان بىلەن پىرىيانكا ..
      • ۋوللىۋود چولپانلىرى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا ئاتا ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ