Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

ئۇ بۇرۇن شۇنچە داڭلىق چولپان بولسىمۇ، لېكىن قارارى ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتتى
يوللانغان ۋاقتى:2016-07-06 02:45 مەنبەسى: nur.cn
يانفوندا كۆرۇش

     تۇيۇقسىز جياڭ شەننىڭ ياش ۋاقتىدا چۈشكەن سۈرىتىنى كۆرۈپ بىر خىل مەستلىكىم كەلدى، ئۇ ھازىرقى گۈزەللەردىمۇ گۈزل. بۇ كونا سۈرەتكە قاراڭ، تۇيۇقسىز ۋاڭ خەننىڭ جياڭشەننى باھالىغان سۆزى ئېسىمگە كېلىپ قالدى: «جياڭشەننىڭ گۈزەللىكى ئالدىدا دۇنيادىكى ھەممە نەرسىنى ئەپۇ قىلىۋەتكىلى بولىدۇ».

    لېكىن ھەرقانداق گۈزەلمۇ قېرىيدۇ، ئۇ بۇيىل 50 كە كىرەي دەپ قالدى، لېكىن شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا بىرخىل جەلبكار، پىشقان ئاياللارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس جەلب قىلىش كۈچى بولىدۇ.

   «خۇماردىن چىقىش» ناملىق بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرۈپ باقمىغان بولساممۇ لېكىن بۇ كىنونىڭ90-يىللاردا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغانلىقىنى بىلىمەن. جياڭ شەن بۇ فىلىمدە رول ئالغان ۋاقىتتا تېخى ئۇنىۋېرسىتېتىتنىڭ 1- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقانىدى، ئۇ بۇ فىلىم بىلەن تونۇلۇپ كەتكەن، لېكىن تەلىيى كەلدى دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىككىلىسى مۇشۇ ساھەنى قىلىدۇ، دادىسى سەھنە ئەسىرى يازغۇچىسى ھەم ئارتىس، ئاپىسىمۇ مۇشۇ كەسىپنى قىلىدۇ، شۇڭا جياڭ شەننىڭمۇ بۇ جەھەتتە تالانتى بار، كېيىنكى ئارتىسلىق يولىمۇ ئىنتايىن داغدام بولغان.

    ئۇ 1997- يىلى مەركىزىي تىياتىر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن نۇرغۇن فىلىملەردە رول ئالغان، بىر شىركەت بىلەنمۇ توختاملاشقان. ئۇ «مېنىڭ ئائىلە قۇرغۇم بار» فىلىمى ئارقىلىق ئارتىس گاۋ شۇگۇاڭ بىلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلىشىپ ئاز ئۆتمەيلا توي قىلغان، توي قىلىپ ئىككىنچى يىلى ئۇلارنىڭ قىزى گاۋ يىشىن تۇغۇلغان. كېيىنكى ئىككى يىل ئىچىدە ئۇ بىرمۇ فىلىم ئىشلىمەي، خاتىرجەم بالا تۇغقان.

   لېكىن ئۇلارنىڭ قىزى بەش ياشقا كىرگەندە، ئۇلارنىڭ ئاجرىشىدىغانلىق خەۋىرى تارقالغان. جياڭ شەن بۇ ئىش ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:«مېنىڭ نەپرەت بىلەن ياشىغىم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە نەپرەتمۇ يوق، قانداقسىگە سىزنى ئازابلىمىغان بىرسىدىن نەپرەتلەنگىلى بولىدۇ، پەقەت ئىككىمىز چىقىشالمىدۇق خالاس».

   شۇنداق قىلىپ ئۇ قىزىنى ئېلىپ ئامېرىكا چىقىپ يەككە-يىگانە تۇرمۇشىنى باشلىغان. ئۇ قىزىنى بەك قوغدىغاچقا بۇرۇن بىر مەزگىل تاراتقۇلار جياڭ شۇيىڭ شۇنىڭ قىزى بولۇپ قالمىسۇن دەپ پەرەز قىلىشقان، لېكىن ئۇ قىزى17 ياشقا كىرگەن يىلى قىزىنى ئېلىپ بىر پىروگراممىغا قاتنىشىپ بۇ مىش-مىش پاراڭلارغا رەددىيە بەرگەن.

    نېمىلا دېمىگەن بىلەن ئۇلارنىڭ قىزى گاۋ شۇگۇاڭغا خېلى ئوخشايدىكەن، بولۇپمۇ كۆزى. گەرچە ئۇ ئىككىسى ئاجرىشىپ كەتكەن، گاۋ شۇگۇاڭ كېيىن بىر مودېل قىزنى ئەمرىگە ئالغان بولسىمۇ، بۇ دادا-بالا ئىككىسىنىڭ مۇھەببىتىگە توسالغۇ بولالمىغان. تاراتقۇلار بىر قېتىم ئۇ ئىككىسىنىڭ ئايرودۇرۇمدا بىللە ماڭغانلىقىنى سۈرەتكە ئېلىۋالغان، گاۋ شۇگۇاڭمۇ قىزى بىلەن ساياھەتكە ماڭغانلىقىنى ئۇدۇل ئېيتقان ھەم قىزىغا بەك كۆپ قەرزداز ئىكەنلىكىنى دېگەن.

   لېكىن جياڭشەنمۇ ئەقىللىق ئايال، ئېرى بىلەن قىزىنىڭ مۇھەببىتىگە دەخلى قىلمايدۇ. لېكىن ئۇ نۇرغۇن فىلىمدە رول ئېلىشنى رەت قىلىپ، ئامېرىكىغا چىقىپ قىزىغا ھەمراھ بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىدا مېنىڭ خىزمىتىم يوق ئىدى، بىردىنبىر كىرىم ھەر يىلى دۆلەتكە قايتقاندا بىر-ئىككى فىلىم ئىشلەپ تاپقان پۇل».

   گەرچە باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ بىر قەيسەر ئايال بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ دىيىشچە ئۇ بەك ھاڭۋاقتىكەن، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى ياخشى ئەمەس، كۈلگۈنچەك ئىكەن. ئۇ دەل بۇ مىجەزى بىلەن «تاماشا چەمبىرىكى»دە نۇرغۇن دوست تۇتقان.

    جاڭ جيايى «غەزەپلەنگەن بالا» دېگەن فىلىمنى ئىشلىگەندە ئۆزىنىڭ جياڭ شەن بىلەن بىللە رولغا چىقىش ئۈچۈن ئىككى فىلىمنى رەت قىلغانلىقى، ئۆزىنىڭ كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ ئۇنىڭ بىلەن بىللە رولغا چىقىش ئارزۇسى بارلىقىنى ئېيتقان.

   مەن ئۇنىڭ كىنوسىنى كۆرۈشكە ئامراق، ئۇنىڭ ھاياتقا تۇتقان قەيسەر، ئۈمىدۋار پوزىتسىيەسىگە تېخىمۇ ئامراق، ئۇ بىر ئۇلۇغ ئانا.



مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • شىنجاڭلىق ئۈچ ئايال چولپاندىن كىم ئەڭ چىرايلىق؟

  • ھېچنىمىگە قارىماي پۇلدار ئەرلەرگە ياتلىق بولۇپ ئۆگەي ئانا بولغان ئايال چولپانلار

  • «نىجاتنىڭ دۇنياسى» ناملىق كىتاب نەشىردىن چىقتى

  • كېندال جەننېر مودا قىياپىتى بىلەن مېھمانسارايدا پەيدا بولدى

  • Rain پات ئارىدا قىز دوستىغا توي تەكلىپى قويۇشى مۇمكىن

  • پارىنىتى چوپرا نېمە ئۈچۈن تەڭتۈشلىرىگە ئوخشىمايدۇ؟

چولپانلار 明星 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ياش تالانتلىق رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر

  • ئۆزبېكىستانلىق سەنئەتكار- مەنزۇرە بىلەن تونۇشۇڭ

  • ھىندىستاندىكى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ گۈزەل ئايال چولپانلار

  • ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى - زىيادە قابىلوۋا

  • چەتئەل تور بېتى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 16 ئۇسسۇلچى

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • چەتئەل ژۇرنىلىغا چىققان فەن بىڭبىڭنى كىشىلەر  ..
      • جۇڭگو تاماشا ساھەسىدە شىنجاڭلىق ئەر چولپانلار ..
      • كورېيە ئۈچ ساھە سەنئەتكارلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يى ..
      • تاماشا چەمبىرىكىدىكى مەڭگۈ ئاجراشمايدىغان ئا ..
      • پرىيانكا چوپرا ئىككى فىلىمدە ئالەم ئۇچقۇچىسىن ..
      • جەكۋىلىن فېرناندىزنىڭ Vogue ژۇرنىلىغا بېسىلغان  ..
      • شۇنداق بىر دوستلۇق بار: ئەگەر سىز ياتلىق بولال ..
      • zee كىنو بايرىمىدىكى شاھرۇھ خان بىلەن پىرىيانكا ..
      • ۋوللىۋود چولپانلىرى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا ئاتا ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ