Back to Top

نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : يادىكار38 سەنئەت تورى / چولپانلار 明星

تاماشا چەمبىرىكىدىكى «تۆمۈر خوراز» چولپانلار
يوللانغان ۋاقتى:2016-06-07 01:58 مەنبەسى: nur.cn
يانفوندا كۆرۇش

 


تاماشا ساھەسىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مىليونېر، كاتتا باي بولسىمۇ، بەزى چولپانلارنىڭ چۈپەيلىكتىن نامى چىققان ئىكەن، تۆۋەندە بىز ئۇلار بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى.


جيا نەيلياڭ

يېقىندا، دۇ چۈن تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، دۇ چۈننىڭ يېقىن دوستى بولغان جيا نەيلياڭ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلىگەن، دۇچۈن: «قۇرۇق تەبرىك بىلەن خوشۇم يوق، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭ بىلەن تەبرىكلە» دەپ جيا نەيلياڭدىن قىزىل بولاق تەلەپ قىلغان، ئەمما جيا نەيلياڭ دۇ چۈنگە بىر يۈەن قىزىل بولاق ئېتىپ بەرگەن.


ياڭ مى


دۇ چۈن جيا نەيلياڭدىن بىر يۈەن قىزىل بولاققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ياڭ مىدىنمۇ تۇغۇلغان كۈنلۈك بولاق تەلەپ قىلغان، ئويلىمىغان يەردىن ياڭ مى ئۇنىڭغا بىر موچەن قىزىل بولاق ئېتىپ بەرگەن. كېيىن دۇ چۈن بۇلارنىڭ پاراڭ خاتىرىسىنى تورغا چىقىرىۋەتكەن.



جوۋ شىڭچى


جوۋ شىڭچى كۆڭۈل ئېچىش چەمبىركىدىكى داڭلىق تۆمۈر خوراز، چۈنكى بەك بېخىل، پۇلنى ھاياتىدىن مۇھىم بىلىدىغان جوۋ شىڭچى بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن يېقىن دوستىدىن ئايرىلىپ قالغان. جوۋ شىڭچىنىڭ قانداق بېخىللىقىنى كۆرۈپ باقايلى: 

بىرىنچى، ئوخشاش بىر تەنھەرىكەت كىيىمىنى قايتا - قايتا كىيىدۇ.

ئىككىنچى، ۋېلىسىپىت بىلەن ئىشقا بارىدۇ.

 ئۈچىنچى، قىز دوستىغا ماي تېجەيدىغان ماشىنا سوۋغا قىلغان؛

 تۆتىنچى، داۋاملىق «ئېتىبارلىق تاكسىدا» ئولتۇرىدۇ.


شې نا


شې نا كۆڭۈل ئېچىش چەمبىركىدىكى نامى چىققان پىخسىق، دائىم دوستلىرى بىلەن تاماق يېگەندە ھەرگىز پۇل چىقارمايدۇ، «خۇشاللىق لاگېرى» دىكى ئائىلە ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە تاماق يېگەندە ھېسابات قىلغاندا، يالغاندىن ھاجەتخانىغا قاچىدۇ، ئۇ قايتىپ كەلگەندە ھېساباتنى ئاللىقاچان باشقىلار قىلىۋېتىدۇ. بۇنداقلا بولۇپ قالماستىن، ئۇ نەپ ئېلىشقا ئامراق بولۇپ، خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيەسى «مەن ساھىبجامال» پىروگراممىسىنى ئىشلىگەندە، شې نا دائىم پىروگرامما گۇرۇپپىسىنىڭ سىناق مەھسۇلاتلىرىنى سوراپ ئىشەتكەن ئىكەن.


ليۇ يى


ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولغاندىن كېيىن ليۇ يى ئىنتايىن تېجەشلىك بولۇپ كەتكەن بولۇپ، فىلىم سۈرەتكە ئالغاندا پەقەتلا 10 يۈەن سېلىۋېلىپ، ئۇسسىغاندا ئىچىملىك سېتىۋالىمەن دېگەن. قارىغاندا فىرانسىيەلىك كۆك كۆز ئايالى ئۇنىڭ شامىلىنى يىغىۋەتكەن ئوخشايدۇ...


گو فۇچېڭ


گو فۇچېڭ زادى قانچىلىك پىخسىق؟ بۇنىڭغا ئۇنىڭ بىر نەچچە سابىق قىز دوستى جاۋاب بېرىشكە ئەڭ ھوقۇقلۇق، شيۇڭ دەيلىن گو فۇچېڭنىڭ پىخسىقلىقىدىن ئۇنىڭ بىلەن ئايرىلىپ كەتكەن، يېقىندىن بۇيان يېڭى قىز دوستىمۇ ئايرىلىپ كېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان، ھەر قېتىم مۇھەببەتلەشكەندە تۈزۈكرەك قىممەتلىك بىر سوۋغات ئېلىپ بېرىشكە چىدىمىغاچقا، گو فۇچېڭ داۋاملىق بويتاق قالىدۇ.


يەن چىڭ شۈ


يەن چىڭشۈ شىركەت تەمىنلىگەن كىيىم-كېچەكتىن باشقا، ئاساسەن دېگۈدەك ئۆزى كىيىم ئالمايدىغان بولۇپ، تېلېفون ھەققىنىمۇ ئاجايىپ تېجەيدۇ، ئۇ ئۆزىگە ھەر ئايدا بېكىتكەن يانفون 120 يۈەن (خەلق پۇلى) بولۇپ، بۇنىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۇ ھەرگىز تېلېفون ئۇرمايدۇ، F 4 دىكى ھەمراھلىرى ئۇنىڭ بۇ ئادىتىنى بىلگەچكە، ئۇنى قىسقا ئۇچۇر بىلەن ئىزدەپ تاپىدۇ. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، يەن چىڭشۈ يول بويىدىكى يايمىلاردىن تاماق يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، يەنە كېلىپ تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن شىرە ئۈستىدىكى بىر قېتىملىق چوكا ۋە قاچىلارنى سومكىسىغا قاچىلاپ ماڭىدۇ، يەنە ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن دۇكان خوجايىنى سوۋغا قىلدى دەيدۇ.



لىن يوڭجيەن


تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا توختىماي سەت ئادەملەرنىڭ رولىغا چىقىدىغان لىن يوڭجيەن پۇلنى سۇدەك تاپىدۇ. لېكىن لىن يوڭجيەن پىخسىق دېگەن گەپلەر تارقالغان بولۇپ، 2003-يىلى، لىن يوڭجيەن بىلەن جوۋ دۇڭيۈ توي قىلغاندا، پەقەت 500 يۈەن سەرپ قىلغان بولۇپ، جوۋ دۇڭيۈ باشقىلارغا، لىن يوڭجيەننى بەك «پىخسىق» دەپ بەرگەن. 



مەزكۈر مەزمۇنلارنى يادىكار38 كىنو توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.Yadikar38.com

  • AngelaBaby نىڭ ياپونىيەدە داڭق چىقارغان چاغدىكى سۈرەتلىرى ئاشكارىلاندى

  • كورېيە چولپىنى كىم تاخې تويدىن كېيىن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى

  • جۇلى: بالىلىرىم مەڭگۈ بىرىنچى ئورۇندا، يېڭى لايىقىم چوقۇم ئۇلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىشى كېرەك

  • چېڭلوڭ 89-نۆۋەتلىك ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

  • جىن شىڭ نېمىشقا ھەممە ئادەمنى تىللىيالايدۇ؟

  • «تەكلىماكاندىكى ناغرا ئاۋازى» كاتتا شەرەپكە ئېرىشتى

  • ئەنۋەر سابىروۋ شەھلا تەمىروۋانى 5 ئارتىس ئىچىدىن تاللىۋالدى

  • داڭلىق چولپانلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى مۇراسىمىغا يىغىلدى

چولپانلار 明星 / تۈردىكى يىڭىلىرى

تىخىمۇ كۆپ..

  • ياش تالانتلىق رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر

  • ئۆزبېكىستانلىق سەنئەتكار- مەنزۇرە بىلەن تونۇشۇڭ

  • ھىندىستاندىكى دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ گۈزەل ئايال چولپانلار

  • ئۆزبېكىستان ناخشا چولپىنى - زىيادە قابىلوۋا

  • چەتئەل تور بېتى باھالاپ چىققان دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل 16 ئۇسسۇلچى

يىڭى قۇشۇلغان خەۋەرلەر

بىكەت تەۋسىيەسى

      • چەتئەل ژۇرنىلىغا چىققان فەن بىڭبىڭنى كىشىلەر  ..
      • جۇڭگو تاماشا ساھەسىدە شىنجاڭلىق ئەر چولپانلار ..
      • كورېيە ئۈچ ساھە سەنئەتكارلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يى ..
      • تاماشا چەمبىرىكىدىكى مەڭگۈ ئاجراشمايدىغان ئا ..
      • پرىيانكا چوپرا ئىككى فىلىمدە ئالەم ئۇچقۇچىسىن ..
      • جەكۋىلىن فېرناندىزنىڭ Vogue ژۇرنىلىغا بېسىلغان  ..
      • شۇنداق بىر دوستلۇق بار: ئەگەر سىز ياتلىق بولال ..
      • zee كىنو بايرىمىدىكى شاھرۇھ خان بىلەن پىرىيانكا ..
      • ۋوللىۋود چولپانلىرى مۇكاپاتلاش يىغىنىغا ئاتا ..

  بېكەت ھەققىدە   ئالاقىلىشىڭ   ئېلان ـ ئالاھە   ھەمكارلىق   بىز كىم؟   بېكەت ئۇقتۇرۇشى

      بېكەتنىڭ بارلىق ھوقۇقى : يادىكار38 سەنئەت تورى ىغا تەۋە، ئوخشىتىپ ياسىۋالماڭ، ئەمگىكىمىزنى قەدىرلەڭ !

      ئەسكەرتىش : توربىكىتىمىزدىكى بارلىق مەزمۇنلار ھەممىسى توردىن رەتلەنگەن ۋە تېپىلغان مەقسىدىمىز توربىكىتىمىزدە تورداشلرنىڭ مەنۋى كۆڭلىنى ئېچش ئەگەرسىز نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخىل قىلدى دىسىڭىز بىزبىلەن ئالاقىلشىڭ بىزدەرھال ئۆچۈرۈۋىتىمىز ، !

      بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان فىلىم- يازمىلارنى چەكلەيدۇ.

      پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن مۇقۇملۇقىنى قوغداپ، ئىناق شىنجاڭ بەرپا قىلايلى ! 全力维护稳定,建设和平美丽新疆!

      ئالاقىلاشقۇچى : يادىكار ئالاقىلىشىش چ چ : 826042484 : ICP : <浙ICP备15040066号-1> qq

      توپقا توربەتچىلەر كىرمەڭلار ئالاقە چ چ

      powered by yadikar38CMS 8.4 www.Yadikar38.com
      X
      ئەڭ يىڭى فىلىم چۈشۈرمەكچى بولسىڭىز بۇ يەرنى بېسىڭ